ئۆز خەۋىرىمىز. 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ساربۇلاقتىكى قازاق چارۋىچىلار توپ-توپ كالا، قويلارنى ھەيدەپ يايلاق كۆچتى، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان قوي-كالا پادىلىرى ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلدى.
ساربۇلاق بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىن يايلاققا بېرىشتىكى چوقۇم ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئۆتەڭ. 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى مىڭدىن ئارتۇق چارۋىچى 500 نەچچە مىڭ تۇياق چارۋىنى ھەيدەپ يازلىق يايلاققا كۆچكەن بولۇپ، يايلاق كۆچۈشكە تەخمىنەن 10 كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن.