تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

دورا ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتىنى بىلىۋېلىڭ

  

ماتېرىيال سۈرەت

    «دورىڭىزنى ۋاقتىدا يېيىشنى ئۇنتۇماڭ»، بۇ سۆز دوختۇرنىڭ بىمارلارغا ئەڭ كۆپ تاپىلايدىغان سۆزى. بەلكىم بەزىلەر دورىنى ئىچسىلا بولدى، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە دورا ئىچىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. دورا ئىچىشنىڭمۇ ۋاقتى بولىدۇ، گۇاڭجۇ شەھەرلىك بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسى دورىگەرلىك بۆلۈمىدىكى جوۋ شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: دورا ئىچىش ۋاقتى بىلەن دورىنىڭ ئۈنۈمى زىچ مۇناسىۋەتلىك، دورىنى ۋاقىتقا قاراپ ئىچىشتا ئەمەلىيەتتە دورىنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى بولىدۇ، بۇ يەنە دورىنىڭ ئەكس تەسىرىنى ئىمكان بار ئازايتىشقا پايدىلىق، شۇڭا دوختۇرنىڭ «دورىڭىزنى ۋاقتىدا ئىچىڭ» دېگەن گېپىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

  دورا ئىچىش ۋاقتى

  سەھەردە دورا ئىچىش: سەھەردە ئويغانغاندا ئاچ قورساققا دورا ئىچىش. بەزى ئۇزاق ئۈنۈملۈك قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار، خامۇشلۇققا قارشى دورىلار، قۇۋۋەت خاراكتېرلىك دورىلارنى سەھەردە ئىچكەندە ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  تاماقتىن ئىلگىرى دورا ئىچىش: تاماقتىن 60-15 مىنۇت ئىلگىرى دورا ئىچىش. ئادەتتە مادىڭلىن، يىتوبىلى، ۋېيفۇئەن قاتارلىق دورىلار ئىچىلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  تاماق جەريانىدا ئىچىش: ئاساسىي يېمەكلىكلەردىن باشقا، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك، قۇرۇق ئاشلىق يېيىش جەريانىدىمۇ دورا ئىچسە بولىدۇ. ئادەتتە يىمېي، يىماتىنى، فېينوبېيتې قاتارلىق دورىلار ئىچىلىدۇ.

  تاماقتىن كېيىن ئىچىش: تاماق يەپ بولۇپ 30- 15مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئىچىش. ھەزىم قىلىشقا ياردەم بەرگۈچى دورا قوش ئاچىلىق تاياقچە باكتېرىيە ئۈچ بىرلەشمە تىرىك باكتېرىيە كاپسۇلى، باۋخېۋەن، داشەنجاۋچەن، ئۆت تېشى كېسىلىنى داۋالايدىغان دورىلار يېيىلىدۇ، بۇ دورىلار تاماقتىن كېيىن دورىنىڭ بەدەن ئورگانىزم ئىقتىدارىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق كېسەللىك داۋالايدۇ. ئاشقازان كىسلاتاسىغا قارشى دورىلار مەسىلەن: ئاليۇمىن ھىدروكسىد تابلېتكىسى، نىڭجياۋجى، ماگنىي ترىسىلىكات تابلېتكىسى، ئاليۇمىن-ماگنىي كاربونات تابلېتكىسى، جۈجۆپيەن قاتارلىق دورىلارنى ئەڭ ياخشىسى تاماق يەپ بولۇپ 60-30 مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئىچىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا زىيادە كۆپ ئاشقازان كىسلاتاسىنى نېيتراللاشتۇرىدۇ ھەمدە ئاشقازان دىۋارىدا ئاسرىغۇچى پەردە شەكىللەندۈرۈپ، يېمەكلىكلەرنىڭ غىدىقلاش پەيدا قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىچىش: دائىم ئىچىدىغان دورىلاردىن ئۇخلىتىش دورىسى، دەم سىقىلىشنى پەسەيتىش دورىسى بار، چۈنكى زىققە كۆپىنچە ھاللاردا سەھەردە قوزغىلىدىغان بولغاچقا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن زىققە دورىسىنى يېگەندە زىققىنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ماي سىيرىش دورىسىنىمۇ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يېيىش كېرەك، كېچە خولېستېرىن قوشۇلىدىغان ۋاقىت، شۇڭا كەچتە ماي سىيرىش دورىسىنى يېگەندە خولېستېرىننىڭ قوشۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك چەكلىگىلى بولىدۇ، ماي سىيرىش ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. كالتسىي تولۇقلايدىغان دورىلارنىمۇ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىچىش كېرەك، چۈنكى ئادەمنىڭ قاندىكى كالتسىي سەۋىيەسى يېرىم كېچىدىن كېيىن ھەم سەھەردە ئەڭ تۆۋەن ھالەتتە تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كالتسىي تولۇقلىغاندا بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشى ياخشى بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  دورا ئىچىش قېتىم سانى

  دورا ئىچىش قېتىم سانىمۇ خالىغىنىمىزدەك بولسا بولمايدۇ، گۇاڭجۇ شەھەرلىك بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسى دورىگەرلىك بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل (تېخنىك) پىراۋىزورى دىڭ يەنبىن مۇنداق دېدى: كۈندە بىر قېتىم، كۈندە ئىككى قېتىم، كۈندە ئۈچ قېتىم ئىچىلىدىغان دورىلارنىڭ ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

  كۈندە بىر قېتىم ئىچىش كۈندە ئەتىگەندە، ياكى كۈندە كەچتە، ياكى بولمىسا مەلۇم بىر ۋاقىتنى بېكىتىپ دورا ئىچىشنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا كۈندە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىچىش كېرەك.

  كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىش كۈندە ئەتىگەن، كەچتە بىر قېتىمدىن ئىچىلىدىغان، دورا ئىچىش ئارىلىقى 12 سائەت بولىدىغان ئىچىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا دوختۇر بەلگىلەپ بەرگەن كونكرېت ئىككى ۋاقىتتا دورا ئىچىش كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

  كۈندە ئۈچ قېتىم ئىچىش ئۈچ ۋاق تاماق ۋاقتىدا دورا ئىچىشنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى بىر كۈندىكى 24 سائەت ئىچىدە ھەر سەككىز سائەتتە بىر قېتىمدىن جەمئىي ئۈچ قېتىم ئىچىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق قىلغاندا دورىنىڭ بەدەنگە كىرگەندىن كېيىنكى ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىچىش كېرەك.

  زۆرۈر بولغاندا ئىچىش كۆپىنچە ئەھۋاللاردا قىزىپ، ئاغرىپ قالغاندا كېسەللىك ئەھۋالىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئىچىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ماس كېلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى يوق ئەھۋال ئاستىدا دورا ئىچمەسلىك كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا داۋالاش ئۈنۈمى بولمايلا قالماي، تايىنىشچانلىق ۋە ئەكس تەسىر پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى