تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

بالىلارنىڭ ‹‹كىچىك›› ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن چېن خەۋەر قىلىدۇ: 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ غولتوغراق يېزىسى توقۇل كەنتىدىكى 18 بالا كانكى، پۇتبول، تەنھەرىكەت كىيىمى قاتارلىق سوۋغىلارنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇ سوۋغىلار ئۇلارنىڭ ئارزۇ كارتىلىرىغا يېزىلغانىدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ۋە كەنت كادىرلىرى ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرغانىدى.

   كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش مەقسىتىدە ‹‹چوڭلار كىچىكلەرنى يېتەكلەش›› قوشماقلىشىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ توققۇز كادىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ پائالىيەتتە باشلامچى بولدى.

   بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان كەنت كادىرلىرىدىن يەتتەيلەن پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى. پارتىيە ئەزاسى مەمەت توختى توقۇل كەنتى 2 – گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ خىزمەت ئەترىتى تۇرۇشلۇق جايغا بېرىپ نەق مەيداندىلا يېنىدىن 200 يۈەن چىقىرىپ پائالىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشتى. يەنە بىرەيلەن قوشماقلىشىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتى چوقۇم بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى، بالىلارنى ھەقىقىي خۇشال قىلىشى كېرەك، دېگەن پىكىرنى بەردى. كۆپچىلىك كېڭىشىش ئارقىلىق بىردەك مۇنداق قارىدى: قوشماقلىشىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنىڭ سوۋغىسى چوقۇم بالىلار ئارزۇ قىلىۋاتقان سوۋغىلار بولۇشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن ‹‹كىچىك ئارزۇنى يورۇتۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇش››  قوشماقلىشىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، بۇ پائالىيەتنىڭ تۇنجى تېمىسى قىلىندى، بالىلار ئارزۇ كارتىسىغا ئۆز ئارزۇلىرىنى يازدى.

   قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىدىكى جۇ لىن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەتداشلىرىنىڭ مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، بىر بالا بىلەن قوشماقلىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىدىغانلار 18گە يەتتى. جۇ لىن گەرچە كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، خىزمەتدىشىغا قوشماقلاشقان بالىغا كانكى ۋە قالپاق قاتارلىق سوۋغىلارنى تەييارلاشنى ھاۋالە قىلدى. سوۋغاتقا ئېرىشكەن مۇنىرە شۈكۈر مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلغان كانكىغا ئېرىشتىم، مەن چوقۇم تىرىشىپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدىكى چوڭ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.

   باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇقاھار زايىرنىڭ ئاپىسى مۇنداق دېدى: مەن ئاتا – ئانىلارغا ۋاكالىتەن كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ، كەنت كادىرلىرىنىڭ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بالامنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى