تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

20 يىل رىشتى ئۈزۈلمىگەن قېرىنداشلار

مۇخبىرىمىز سۇ لۇپىڭ

   5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى سائەت 12دە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى يامالىق تېغى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مەكتەپ قورۇسى مەھەللىسىدىكى ئۆمەر ياسىن بازاردىن كۆكتات سېتىۋېلىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا قاتلىما پىشۇرۇش، قورۇما قورۇش، سۇدا پىشۇرۇلغان كالا گۆشىنى توغراش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى... بىر سائەتتىن كېيىن، ئۆمەر ياسىن تەييارلىغان گۆش ۋە قورۇمىلىرىنى ئېلىپ ‹‹ئاكىسى››نىڭ يېنىغا مېڭىشقا تەييارلاندى.

   ئۆمەر ياسىننىڭ بۇ ‹‹ئاكىسى›› مۇشۇ مەھەللىدىكى شى شياۋمىڭ ئىدى. شى شياۋمىڭ ئىككى ياشقا كىرگەندە، بىر قېتىملىق تاسادىپىي ئوت ئاپىتىدە پالەچ بولۇپ قالغانىدى، ئۇ چاقلىق ئورۇندۇققا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭ تىرىشىپ ياشاش ئىرادىسى ئەزەلدىن بوشىشىپ قالمىدى. 1997 – يىلى، شى شياۋمىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا بىر كىچىك دۇكان ئاچتى. 1998 – يىلى، ئۆمەر ياسىن شى شياۋمىڭ تۇرۇۋاتقان مەھەللىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن قوشنا بولۇپ قالدى. شى شياۋمىڭنىڭ جاپاغا چىداش روھى ئۆمەر ياسىننى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ دائىم شى شياۋمىڭنىڭ دۇكىنىنى ئايلىنىپ، قىيىنچىلىقى بولسا ياردەم قىلىپ تۇردى، كېيىن ئۆمەر ياسىن ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، ئۇ ۋاقتى چىقسىلا شى شياۋمىڭنى ئېلىپ ئۇنىڭ دۇكىنىغا مال كىرگۈزۈشكە ياردەملىشىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

   ئۆمەر ياسىننىڭ چوڭ ئوغلى تۇغۇلغاندا، شى شياۋمىڭ ئالايىتەن دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى. ئالتە كىلومېتىر يول ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ھېچقانچە ئۇزۇن تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن، بىراق، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان شى شياۋمىڭ ئۈچۈن تولىمۇ ئۇزۇن يول ھېسابلىنىدۇ. شى شياۋمىڭنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقنىڭ چاقىنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قاپىرىپ كەتكەن قوللىرىنى كۆرگەن ئۆمەر ياسىن كۆزىگە ياش ئالدى ھەم بۇنداق ياخشى قېرىندىشىغا بىر ئۆمۈر ياردەم بېرىش ئىرادىسى يەنىمۇ كۈچەيدى.

   شى شياۋمىڭنىڭ خوتۇنىمۇ مېيىپ بولۇپ، ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئائىلىنى قامدايتتى، ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئوغلى بار بولۇپ، تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى. ئۆمەر ياسىن شى شياۋمىڭنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقىنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يېڭى چاقلىق ئورۇندۇق ئېلىپ بەردى، ھەپتە ئاخىرىدا، ئۆمەر ياسىن شى شياۋمىڭنىڭ ئوغلىنى كۇرسقا ئاپىرىپ  – ئەكەلدى، ئۆمەر ياسىننى ئاۋارە قىلماسلىق ئۈچۈن، شى شياۋمىڭ 10 مىڭ يۈەن يىغقانلىقىنى، بانكىدىن قەرز پۇل ئېلىپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئويى بارلىقىنى ئۆمەر ياسىنغا ئېيتتى، ئۆمەر ياسىن ئۇنىڭغا 50 مىڭ يۈەن بېرىپ، ئاپتوموبىلنى قەرز ئالماي سېتىۋېلىشنى ئېيتتى. شى شياۋمىڭ دىيابېت كېسىلى سەۋەبلىك سول كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغاندا، ئۆمەر ياسىن ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشىغا مەسلىھەت بەردى.

   ئۆمەر ياسىن مۇنداق دېدى: شى شياۋمىڭ ئاكامنىڭ ئۈمىدۋار روھى ماڭا مەدەت بولۇپ كەلدى. بىر مەزگىل ئىشلىرىم يۈرۈشمەي ئۈمىدسىزلىنىپ نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي يۈرگىنىمدە شى شياۋمىڭ ئاكام ماڭا ياردەملىشىپ غېمىمنى يەپ ئوڭۇشسىزلىقتىن قۇتۇلۇشۇمغا ياردەم قىلدى.  

   20 يىللىق جاپا – مۇشەققەت بۇ ئاكا – ئۇكا ئىككىيلەننىڭ قەلبىگە چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چاچتى، ئۇلارنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرى مەھەللىدىكىلەرگە ئىناقلىق – ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى