تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

‹‹چىن دوستلۇقلا بولىدىكەن ئىشلىرىمىز يەنىمۇ يۈرۈشىدۇ››

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رازىيەم يۇنۇسكەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك يېزىسى قۇميەر كەنتىدە خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق بەش مىللەتتىن تەركىب تاپقان 250 ئائىلە، 600 نوپۇس بار بولۇپ، بۇ كەنتتىكى ھەرمىللەت ئامما ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئىتتىپاقلىق مارشىنى بىللە ياڭرىتىپ كەلمەكتە. بۇ كەنتتىكى جياڭ ۋاڭپېڭ بىلەن ئالىمجان ئەمەت ئىككىيلەننىڭ ھەقىقىي چىن دوستلۇقىغا كەنتتىكىلەرمۇ قايىل ئىدى. 2012 – يىلى، 35 ياشلىق جياڭ ۋاڭپېڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ خېنەندىن قۇميەر كەنتىگە كېلىپ ئالىمجان ئەمەت بىلەن تونۇشقاندىن باشلاپلا يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتتى. بەش يىلدىن بۇيان، ئۇلار ئۆزئارا بېرىش – كېلىش قىلىپ چاغان، ھېيت – بايراملاردا ئىككى ئائىلىدىكىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، سىردىشىپ، مۇڭدىشىپ ھەر قانداق قىيىنچىلىقلىرىنى تەڭ ھەل قىلىشىپ خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەكلا ئىناق ئۆتۈپ كەلدى.

   ئالىمجان ئەمەتنىڭ ئائىلىسىدە بەش جان بولۇپ، 7.5 مو يەرگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، ئۇ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىشنىڭ تازا ئېپىنى بىلمىگەچكە، پاختا ۋە چىلاندىن تۈزۈك كىرىم قىلالمىدى. 2013 – يىلى 6 – ئايدا، كېۋەز يوپۇرمىقىنىڭ سارغىيىپ قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئالىمجان ئەمەت نېمە قىلارىنى بىلمەي جىددىيلىشىپ قالغاندا جياڭ ۋاڭپېڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزەتتى ۋە ‹‹بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتمىسەك بولماپتۇ، دورىغا مەلۇم نىسبەتتە سۇ ئارىلاشتۇرۇپ، ھەپتىدە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى – ئۈچ تېمىمدىن دورا چېچىپ سىناب بېقىڭ›› دەپ مەسلىھەت بەردى. ئالىمجان ئەمەت جياڭ ۋاڭپېڭنىڭ دېگىنى بويىچە  ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتتى. يېرىم ئايدىن كېيىن، دېگەندەكلا كېۋەز يوپۇرمىقىدىكى قۇرۇپ سولىشىش ئالامەتلىرى يوقىدى، بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتىدە تەكرار – تەكرار بولۇپ تۇردى.

   ئالىمجان ئەمەت مۇنداق دېدى: مەن ھەر قېتىم  قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسام، جياڭ ۋاڭپېڭ ماڭا ياردەم بېرىدۇ، بولۇپمۇ كېۋەز تېرىقچىلىقى ۋە چىلان چاتاش تېخنىكىسى جەھەتتە ماڭا يېڭى تېخنىكا، يېڭى ساۋاتلارنى ئۆگىتىدۇ. جياڭ ۋاڭپېڭنىڭ ياردىمىدە، ئېتىز پەرۋىشىنى ياخشى قىلىپ، كىرىمىمنى ئاشۇردۇم، بۇلتۇر 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم.  

   جياڭ ۋاڭپېڭ مۇنداق دېدى: ئالىمجان ئەمەت مېنىڭ ياخشى قېرىندىشىم، مەن قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۇ ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى، مەن بۇ كەنتكە كەلگەندە، ھېچنېمەم يوق ئىدى، ئالىمجان ئەمەت ماڭا ياردەملىشىپ ئۆي سېلىشىپ بەردى، تېرىقچىلىق ئىشلىرىمغا ياردەملەشتى.

   كۆپچىلىك جياڭ ۋاڭپېڭ بىلەن ئالىمجان ئەمەتنىڭ دوستلۇقى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك ئېجىل – ئىناق ئۆتىدۇ، ھەر قانداق چاغدا بىر – بىرىدىن ياردىمىنى ئايىمايدۇ. ھازىر ئىككى ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلاندى، شۇڭا ئۇلار ‹‹چىن دوستلۇقلا بولىدىكەن ئىشلىرىمىز يەنىمۇ يۈرۈشىدۇ›› دېگەن ئەمەلىيىتى بىلەن ئەتراپتىكىلەرگە ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈچىنى نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى