تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دېھقانلار زامانىۋى تۇرمۇشقا يۈزلەندى

   تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. بۇ ناھىيەدىكى دېھقانلار بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تۇرالغۇ ئۆي شارائىتىنى ئۆزگەرتىش، ھويلا – ئارانلىرىنىڭ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى ئادەت، يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئالغان زامانىۋى تۇرمۇشقا يۈزلەندى.

   يېقىندا، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تېببىي خادىملىرىدىن ۋاڭ شۇيىڭ بىلەن ئازاتگۈل ئابلەت قوشماقلاشقان تۇغقىنى يوپۇغا يېزىسىنىڭ مۇنجاقلىق كەنتىدىكى پاتەمخان قۇربان ۋە يېڭى مەھەللە كەنتىدىكى ئوبۇل مۇسالارنى يوقلاپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە ھويلا – ئارانلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ۋاڭ شۇيىڭ مۇنداق دېدى: بىز ھەر قېتىم تۇغقانلىرىمىزنى يوقلاپ كەلگەندە، كونا، قالاق تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىچە، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغانىدۇق، مانا بۇ قېتىم تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى، يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم.

   سىيەك يېزىسىنىڭ ئاقتىكەن كەنتىدىكى گۈلنار مۇسا مۇنداق دېدى: پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىدە، ئۆيىمىز ۋە ھويلا – ئارانلىرىمىزنىڭ مۇھىتى يېڭىلاندى، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىمىزنىڭ تەشۋىق – تەربىيەسى ۋە ياردىمىدە مۇشۇنداق ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشكىنىمىزدىن ئۆزىمىزنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى