تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

شى ۋېنيىڭ بىلەن ئۆمەرنىڭ ئانا ـ بالىلىق مېھرى

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ليۇ ۋېي، جيا بو

   ‹‹يامغۇر بۇ يەردىن بەكرەك ئۆتۈپتۇ، ئۆگزىگە لاينى قېلىنراق سالايلى، يەنە يامغۇر ئۆتۈپ كەتمىسۇن››. 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، باغراش ناھىيەسىنىڭ تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى كۆك مودۇن كەنتىدىكى شى ۋېنيىڭنىڭ ئائىلىسى ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، كەنتتىكى ئۆمەر مەخمۇت بىلەن ئوبۇلقاسىم تۇرغۇن شى ۋېنيىڭنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە لاي سېلىپ رېمونت قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

   ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، باغراش ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار يەرلىكتىكى ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى ھەم تۇغقانلىرىنى غەم – قايغۇدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بۇ كەنتتىكى ئۆمەر مەخمۇتقىمۇ تەسىر كۆرسەتتى، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوشنىسى شى ۋېنيىڭ موماي بىلەن تۇغقانلاشتى. ئۇ دائىم موماينى يوقلاپ تۇردى ۋە موماينىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالدى. ئۆزئارا كىرىش – چىقىش، ياردەملەردە ئۆمەر مەخمۇت بىلەن شى ۋېنيىڭ موماينىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئانا – بالىلىق مېھرى ئورنىدى. قوشنىدارچىلىق مېھرىگە تۇغقاندارچىلىق مېھرى قوشۇلۇپ تەسىرلىك ھېكايە پۈتتى.

   يېقىندا، باغراش ناھىيەسىدە ئىككى كۈن ئۇدا قاتتىق يامغۇر ياغدى، شى ۋېنيىڭ موماينىڭ ئۆيىنىڭ تورۇسىنىڭ نەچچە يېرىدىن يامغۇر ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭدىن ئەنسىرىگەن ئۆمەر مەخمۇت دەرھال ئوبۇلقاسىم تۇرغۇننى چاقىرىپ موماينىڭ ئۆيىنىڭ تورۇسىدىن يامغۇر ئۆتكەن – ئۆتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولدى. ئۆمەر مەخمۇتنى كۆرگەن شى ۋېنيىڭ موماي جىددىيلەشكەن ھالدا ئۇنىڭغا ئۆيىنىڭ يامغۇر ئۆتكەن جايلىرىنى كۆرسەتتى. ئۆمەر مەخمۇت موماينىڭ جىددىيلەشكەن ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى ۋە شى ۋېنيىڭ مومايغا: شى ئانا خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ھازىرلا قاراپ باقاي، يامغۇر ئۆتكەن جايلارنى سىزگە چوقۇم ياخشى رېمونت قىلىپ بېرىمەن، دېدى. شۇ كۈنىلا، ئۆمەر مەخمۇت بىلەن ئوبۇلقاسىم تۇرغۇن شى ۋېنيىڭ موماينىڭ ھەر بىر ئېغىز ئۆيىنىڭ تورۇسلىرىنى، سۇ چىقىرىۋېتىش نولىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ كۆردى، سۇ يىغىلىپ قالغان، يېرىلغان جايلارنى رېمونت قىلدى. شى ۋېنيىڭ موماينىڭ كىچىككىنە ھويلىسىدا ئۆمەر مەخمۇت بىلەن ئوبۇلقاسىم تۇرغۇننىڭ ئالدىراشلىقىغا قىزغىن، خۇشال كەيپىيات قوشۇلۇپ، شى ۋېنيىڭ موماينى خېلىلا خاتىرجەم قىلدى.

   2014– يىلى، شى ۋېنيىڭ موماينىڭ ئېرى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇنىڭ ئوغلى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى، موماي ئۆيىدە يالغۇز قالدى. 52 ياشلىق ئۆمەر مەخمۇت شى ۋېنيىڭ موماينىڭ قوشنىسى ئىدى، ئۇ ۋاقتى چىقسىلا شى ۋېنيىڭ موماينىڭ يېنىغا كىرىپ، ئەھۋاللىشىپ ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى كۈندىن – كۈنگە قويۇقلاشتى، كۈنلەر ئۆتكەنچە، ئۆمەر مەخمۇت شى ۋېنيىڭنى ‹‹شى ئانا›› دەپ چاقىرىدىغان، شى ۋېنيىڭمۇ ئۆمەر مەخمۇتنى ئۆز ئوغلىدەك ‹‹بالام›› دەپ چاقىرىدىغان بولدى.

   2016– يىلى، ئاپتونوم رايون ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئۆمەر مەخمۇت شى ۋېنيىڭغا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى، موماي بۇنى ئاڭلاپ بەكلا خۇشال بولدى. شۇنداق قىلىپ ھېچقانداق تۇغقانلىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمىگەن، ھېچكىم كېلىپ گۇۋاھچى بولمىغان تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئەنە شۇنداق ئورنىتىلدى. ئىككىيلەننىڭ ‹‹ئانا››، ‹‹ئوغلۇم›› دەپ چاقىرىشى ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى.

   شى ۋېنيىڭ موماي بۇ ئۇيغۇر ئوغلىنى تىلغا ئالغىنىدا، ئۇنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلىنىدۇ. موماي ئۆزىنىڭ زۇكامداپ قالغان ۋاقتىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئۇ چاغدا ئۆمەر مەخمۇت ماڭا كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق سۇنۇپ تۇردى، كەنت داۋالاش ئۆيىگە بېرىپ دورا ئەكىلىپ بەردى، كەچتە خاتىرجەم بولالماي ئۆيىدىكىلەرنى ھالىمدىن خەۋەر ئېلىشقا كىرگۈزدى. ئۆمەر مەخمۇتنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغانلىرى ئۆز ئوغلۇمنىڭ قىلغىنىدىنمۇ كۆپ، شۇڭا ئۇنى ئۆز ئوغلۇمدىنمۇ بەكرەك يېقىن كۆرىمەن.

   ئوبۇلقاسىم تۇرغۇن ئۆمەر مەخمۇتنىڭ يېزنىسى ئىدى، ئۆمەر مەخمۇتنىڭ تەسىرىدە ئۇمۇ تېزلا شى ۋېنيىڭ مومايغا ياردەم بېرىش سېپىگە قوشۇلدى، ئۇمۇ دائىم مومايغا ئوزۇق – تۈلۈك ئەكىلىپ بەرگەندىن باشقا، موماينىڭ ئېتىز ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.

   ئۆمەر مەخمۇتنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن شى ۋېنيىڭ موماي بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغانلىقى كەنتتە تارقالغاندىن كېيىن، كەنتتىكىلەر ۋە ئۆمەر مەخمۇتنى تونۇيدىغانلار ئۇنى كۆرسىلا باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختاشتى. ئۆمەر مەخمۇت مۇنداق دېدى: پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن تۇرمۇشىمىز كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بىز بۇنداق غەمخورلۇقلارغا ئېرىشكەن ئىكەنمىز باشقىلارغىمۇ غەمخورلۇق قىلىشنى بىلمىسەك بولمايدۇ. مەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلار تولىمۇ كىچىك ئىشلار، مەن شى ئانامنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئوغلى يىل بويى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، ئائىلىسىدە ئەمگەكچىسى يوق، شۇڭا شى مومامغا ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار، ئەلۋەتتە!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى