تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ھاللىق جەمئىيەتكە يېتىش يولىدا بىرلىكتە ئىلگىرىلەش

دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ فۇكاڭ ئۈلگىسى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گاڭ لىچياڭ

   فۇكاڭ شەھىرى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنى بېيىشقا يېتەكلەشنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى بېيىتىپ، دېھقانلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇردى.

   نۆۋەتتە فۇكاڭ شەھىرىدە رويخەتكە ئېلىنغان دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى 196گە، ئەزاسى 12 مىڭ 253كە يەتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ‹‹زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى، يېشىل يېمەكلىكى، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ۋە يەرلىك بەلگىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى›› 11گە، رويخەتكە ئالدۇرغان ماركىسى 22گە يەتتى. ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگە كوپىراتىپتىن ئىككىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگە كوپىراتىپتىن 21ى، ئوبلاستلىق ئۈلگە كوپىراتىپتىن 27سى، ‹‹يۇلتۇز دەرىجىلىك›› كوپىراتىپتىن 42سى قۇرۇلدى.

   يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېتىزلارنى ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلاندۇردى

   تۆت يىل ئىلگىرى، فۇكاڭ شەھىرىنىڭ جۇيۇڭگەي بازىرى ليۇيۈن كەنتىدىكى يۈ شۆپىڭ ۋە ئۇنىڭ ئېرى يۈرەكلىك بىلەن يەردىن ئايرىلىپ تەرەققىي قىلىش قارارىغا كېلىپ، كەنتتىكى تۇنجى يەر ئوبوروتىغا قاتناشقان دېھقانلاردىن بولۇپ قالدى. يۈ شۆپىڭ ئائىلىسىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ۋە يەر ئوبوروتى ئارقىلىق قىلغان كىشى بېشى ساپ كىرىمى بەش يىل ئىلگىرىكى 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ ھازىرقى 60 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

   يۈ شۆپىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن مەمنۇن بولۇپ مۇنداق دېدى: كۈنلىرىم غەم – ئەندىشىسىز ئۆتۈۋاتىدۇ، چۈنكى ھازىر ئاتا – ئانامنىڭ كۈتۈنۈشىدىن ۋە بالىلىرىمنىڭ ئوقۇش ھەققىدىن غەم قىلمايمەن.

   يۈ شۆپىڭنىڭ غەم – ئەندىشىسىز تۇرمۇش كەچۈرۈشى يەر ئوبوروتىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. 2014 – يىلى شىنجاڭ دېتيەنلى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كەنتتىكى 1200 مو تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەر موسىنى 800 يۈەندىن ئوبوروت قىلىپ، فۇكاڭ شەھىرى جۇيۇڭگەي بازىرى خاۋدې يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى، سەھرا تۇرمۇشى بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال مەنزىرە رايونى  ۋاڭمۇ شاپتۇلزارلىقى قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 42 مىڭ شاپتۇل كۆچىتى تىكتى.

   6 – ئاينىڭ 3 – كۈنى خاۋدې يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ۋاڭمۇ شاپتۇلزارلىقى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى. خاۋدې يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋاڭ خەيرۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن ساياھەت كوپىراتىپىدىن يەتتە ئاپتوبۇس ساياھەتچى شاپتۇلزارلىقىمىزغا شاپتۇل ئۈزگىلى كېلىپ، چۈشلۈك تاماق ئالدىن زاكاز قىلىنىپ بولدى. يېرىم ئايدىن بۇيان شاپتۇلزارلىقىمىزغا كەلگەن ساياھەتچى 10 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ، ئىشىك بېلىتىدىنلا 150 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق.

   ھازىر بۇ شاپتۇلزارلىقنىڭ كۆلىمى 3000 مودىن ئېشىپ، تېرىش، ئۈزۈش، يېمەك – ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى بىر گەۋدە قىلىنىپ، ‹‹مەملىكەت دەرىجىلىك ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى تۆت يۇلتۇزلۇق ئۈلگە بازىسى››، ‹‹ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە نۇقتىسى›› شەرىپىگە ئېرىشىپ، ھەر كۈنى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالماقتا.

   يەر ئوبوروتى ليۇيۈن كەنتىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يەر بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەرلەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتتى. ياڭ تەيفۇ بەش مو تېرىلغۇ يېرىنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، كوپىراتىپتا تېخنىك بولۇپ ئىشلەپ، يىللىق كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. ھازىر ليۇيۈن كەنتىدە ياڭ تەيفۇغا ئوخشاش تېرىلغۇ يېرىنى ئوبوروت قىلغان 300دىن ئارتۇق دېھقان ۋاڭمۇ شاپتۇلزارلىقىدا ئىشلەپ پۇل تاپماقتا.

   دېھقانلار ‹‹پايچېك››قا ئايلاندى، بېيىش يولى كېڭەيدى

   فۇكاڭ شەھىرىدە شىنجاڭ فۇشىن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خېلى داڭقى بار. چۈنكى پاي چېكىنى كونترول قىلغان شىنجاڭ ياۋچى بافاڭكې يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بارغانسېرى تارتماقتا ئىدى.

   شىنجاڭ ياۋچى بافاڭكې يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى فۇكاڭ شەھىرىدىكى تۇنجى يەرلىك يېزا ئىگىلىك پاي تۈزۈمىدىكى كارخانا. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى لى فاڭيوۋ فۇشىن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى بولۇپ، 20 يىل ئىلگىرى  20 نەچچە مو تېرىلغۇ يېرىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى.

   2000– يىللىرىنىڭ باشلىرى لى فاڭيوۋ تېرىلغۇ يەرلەرنى كەڭ كۆلەمدە ھۆددىگە ئېلىشقا باشلاپ، 2010 – يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ھۆددىگە ئالغان يېرى 2000 مودىن ئېشىپ، چوڭ تېرىقچىلىق ئائىلىسىگە ئايلاندى، ئۇ يەنە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە توپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، سودىسىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىچە كېڭەيتتى.

   لى فاڭيوۋ مەملىكىتىمىز بازارلىرىدا ‹‹سەنپاڭدەن›› ماركىلىق ئەسلىي تەمدىكى گازىر بازىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقاپ، مۇشۇ گازىرنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتنى ئىزدەپ تېپىپ، بۇ زاۋۇتنىڭ ئۇرۇقلۇق ۋە خام ماتېرىيال سېتىش – سېتىۋېلىش تىجارىتىنى قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. 2010 – يىلى، ئۇ دېھقانلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، فۇكاڭنى مەركەز قىلغان ھالدا ئاپتونوم رايونغا يۈزلىنىپ، خام ماتېرىيال بازىسى كۆلىمىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 180 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننى يېتەكلەپ، داڭلىق گازىر شاھىغا ئايلاندى.

   2013– يىلى لى فاڭيوۋ فۇكاڭ شەھىرى فۇشىن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، گازىر، كاۋا ئۇرۇقىنى پىششىقلاشتىن تۇتۇش قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇمچە قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، بازار خېيىم – خەتىرىگە تاقابىل تۇردى. 101 دېھقان ئائىلىسى تۇنجى تۈركۈمدە كوپىراتىپقا ئەزا بولۇپ، دېھقاندىن ‹‹پايچېك››قا ئايلاندى، شۇ يىلى پايدا تەقسىم قىلىشتا كوپىراتىپتىكى لى مىڭخەي 40 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پايدىغا ئېرىشتى.

   بۇلتۇر يىل بېشىدا فۇشىن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن فۇكاڭ شەھەرلىك تەمىنات – سودا كوپىراتىپى ھەمكارلىشىپ شىنجاڭ ياۋچى بافاڭكې يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، گازىر پىششىقلاشتىن تەرەققىي قىلىپ، قۇرۇق مېۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى پىششىقلاشقا يۈرۈش قىلدى.

   ساياھەتچىلىك گۈللەندى، كەنتلەر گۈزەللەشتى

   6– ئاي كىرىشى بىلەن بوغدا كۆلىنى ساياھەت قىلىدىغانلار كۆپىيىپ، فۇكاڭ شەھىرى سەنگۇڭ ياۋچى ساياھەتچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ سودىسى قىزىپ كەتتى. بۇ كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى خابېك ساياھەتچىلەرنى قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلىرى ۋە ناخشا – ئۇسسۇللىرى بىلەن تەمىنلەشتىن سىرت، يەنە كوپىراتىپ ئەزالىرى بىلەن بىللە ‹‹ئات ئۈستى›› مەدەنىيىتى، قازاق مىللىتىنىڭ توي مۇراسىمى قاتارلىق تۈرلەرنى تەسىس قىلدى. قازاق مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش ئۈچۈن، كوپىراتىپ قازاق مىللىتى قول ھۈنەر كەشتە بۇيۇملىرى كۆرگەزمە زالى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

   ھازىر خابېكنىڭ ياۋچى ساياھەتچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئەزالار 120دىن ئاشتى، بۇ ئەزالارنىڭ زور كۆپ قىسمى ئەتراپتىكى دېھقان – چارۋىچىلار بولۇپ، ھەر بىر كىشى ئايدا تۆۋەن بولغاندىمۇ 2500 يۈەندىن يۇقىرى كىرىم قىلالايدۇ.

   فۇكاڭ شەھىرىنىڭ ئاققول قازاق يېزىسى خۇاڭسەن كەنتىدىكى شيۇنياڭ كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى 58 ياشلىق كەشتىچى ماناي مەخسۇت بەش يىل ئىلگىرى ئېرى تۈگەپ كەتكەندە 50 – 60 مىڭ يۈەن قەرز بولۇپ قېلىپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى قىيىنچىلىقتا قالغانىدى.

   فۇكاڭ شەھەرلىك نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسى خۇاڭسەن كەنتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، كەنت بويىچە قازاق ئاياللىرىنى كەشتىچىلىك كۇرسىغا قاتنىشىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە 480 مىڭ يۈەن مەبلەغ  ھەل قىلىپ، 160 كەشتىچىلىك ئۈسكۈنىسى سېتىۋېلىپ، كەشتىچىلىك كوپىراتىپى قۇردى. ئۈسكۈنىلەرنى پاي قىلىپ قوشۇش ئارقىلىق كەنتتىكى ئالتە نامرات ئائىلىدىكىلەرنى كوپىراتىپتا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئايدا كەشتە بۇيۇم سانىغا قاراپ ئىش ھەققى بېرىپ، يىل ئاخىرىدا ئىش ئۈنۈمىگە قاراپ پايدا تەقسىملەپ بەردى. ھازىر ماناي مەخسۇت ئايدا ئاز بولغاندىمۇ 800 يۈەندىن ئارتۇق ئىش ھەققى ئالىدۇ، ئوغلىمۇ يېقىن ئەتراپتىكى كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئايدا 4000 – 5000 يۈەنگىچە كىرىم قىلىدۇ، ئۇلار ھازىر قەرزىنى قايتۇرۇپ بولغاندىن سىرت، ئۆيىنىمۇ بېزىۋالدى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فۇكاڭ شەھىرى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېتەكچى، بوغدا كۆلى ساياھەتچىلىكىنى باشلامچى قىلىپ، فۇكاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، سۈپىتىنى ياخشىلاپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلىك كوپىراتىپلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى