2017-يىللىق سەھىيە ساغلاملىق كەسپىي تەرەققىيات ئىستاتىستىكا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مۆلچەر ئۆمرى 76.7 ياشقا يەتكەن.
ساغلاملىق ئاساسلىق كۆرسەتكۈچى ئومۇمىي جەھەتتىن ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەردىن ئەلا تۇرغان.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۆلەت سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى يېقىندا «2017-يىللىق دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە ساغلاملىق كەسپىي تەرەققىيات ئىستاتىستىكا ئاخباراتى» نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مۆلچەر ئۆمرى 2016-يىلىدىكى 76.5 ياشتىن 76.7 ياشقا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ‰7.5 دىن ‰6.8 تۆۋەنلىگەن، ھامىلىدار تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى 19.9/100000 دىن 19.6/100000غا تۆۋەنلىگەن، دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ئومۇمىي جەھەتتىن يۇقىرى، ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئەلا تۇرغان.