سۇلۇق يەر قەدىمىي توغراقلىق مەنزىرە رايونى نىلقا ناھىيە بازىرىدىن ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل قوغدالغان، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرۇلغان سۇلۇق يەر قەدىمىي توغراقلىقلارنىڭ بىرى. توغراقلىق قاش دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى بويلاپ ئۆسكەن بولۇپ، 110كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا سوزۇلغان.
1999-يىلى 7-ئايدا دۆلەت AA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ تەستىقلانغان، 2014-يىلى 5-ئايدا دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن AAAA دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بولۇپ تەستىقلانغان.