تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

گۈزەللىككە پۈركەنگەن تۇرا كەنتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ جىڭ

   6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال بازىرى تۇرا كەنتىدىكى ئايگۈل ئوسمان ناخشا ئېيتقاچ پاكىز سۈپۈرۈلگەن ھويلىسىغا سۇ سېپىۋاتاتتى. ھويلىدا بىر نەچچە بالا ئىككى ئادەمنىڭ غولىچى يەتكۈدەك توغراق دەرىخى ۋە چېچەكلىگەن ئانار دەرىخى ئەتراپىدا ئويناۋاتاتتى. ئۆيگە ئون نەچچە مېتىر يىراقلىقتىكى باقمىچىلىق رايونىدىكى قوتاندىن كالا، قويلارنىڭ مۆرەش – مەرەشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ھويلىنىڭ كەينىدىكى كىچىك ئەگمە پارنىكقا تېرىلغان جۈسەيلەرمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆسكەنىدى...

   ھازىر تۇرا كەنتىدىكى ھەممە ئائىلىلەر ھويلا – ئارانلىرىنى ئايگۈلنىڭكىدەك گۈزەللەشتۈرۈپ، كالا – قويلىرىنى ئوبدان باقماقتا.

   بۇ كەنتتىكى ھەممە ئائىلىلىكنىڭ ئىشىك ئالدى ۋە قورۇ كەينىدە توغراق دەرەخلىرى بار. كەنتنىڭ ھەر بىر يولىدا ئۈزۈم بارىڭى كارىدورى بەرپا قىلىنغان بولۇپ، بۇلار توغراق بىلەن بىرلىشىپ دېھقانلارنىڭ سالقىندايدىغان ياخشى سورۇنىغا ئايلانغانىدى. كۈزدە توغراق دەرەخلىرى ئالتۇندەك سېرىق ‹‹تون›› كىيىپ، كەنتنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشىدۇ. ئىككى يىلدىن بۇيانقى گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، دېھقانلار ھويلىسىنىڭ ئالدى – كەينىگە ئۆرۈك، ياڭاق قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكتى، كىچىككىنە يەر بولسىمۇ ئالا قويماي كىچىك ئەگمە پارنىك ياساپ كۆكتات تېرىپ، تۇرمۇش رايونى، باقمىچىلىق رايونى، تېرىقچىلىق رايونىنى مۇۋاپىق پىلانلىدى.

   كەنتتىكى رېھىمجان مامۇت مۇنداق دېدى: ئۆيلەرگە كىرسىڭىز يەرگە ياتقۇزۇلغان چاقچۇقلارغا ئازراقمۇ توپا قونمىغانلىقىنى، ھويلىغا كىرسىڭىز گۈل ۋە دەرەخلەرنى كۆرىسىز، ئادەم بىلەن چارۋا ماللار ئايرىلدى، كەنت يوللىرى ئاسفالتلاشتۇرۇلدى، يوللارغا ئەخلەت ساندۇقى قويۇلدى، ھازىر ئولتۇراق مۇھىتىمىز مۇشۇنداق ياخشىلىنىپ كەتتى. كەنتىمىز ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان جايى، كەنتنىڭ پاكىز ۋە رەتلىكلىكىنى ساقلاش كەنتتىكى ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. كەنتىمىزدىن چىققان تۇرمۇش ئەخلەتلىرى مەركەزلەشتۈرلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ھازىر كەنتىمىز يىراق – يېقىنغا تونۇلغان مۇھىت ئاسراشتىكى ئۈلگىلىك كەنت بولۇپ قالدى.

   تۇرا كەنتىنىڭ گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يېزا مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەلپىن ناھىيەسى يېزا مۇھىتىنى تۈزەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يېزىلارنىڭ يۇندى ۋە تۇرمۇش ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قارىتا، ناھىيە بويىچە يېزا مۇھىت تازىلىقىدا ئۈچنى ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ناھىيە بويىچە 50 مىڭ مو ئېتىزلىقتىكى يوپۇق قالدۇقىنى يىغىۋالدى؛ دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەلىك ئوغۇت ئىشلىتىشنىڭ نۆللۈك ئېشىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شاخ – شۇمبا بايلىقىدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى؛ ناھىيە بويىچە يېزا مۇھىتىنى بىر تۇتاش تۈزەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، يېزا مۇھىتى ‹‹پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار›› بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

   ھازىر كەلپىن ناھىيەسى يېزا – كەنتلەرنىڭ يۇندى ۋە تۇرمۇش ئەخلىتىگە قارىتا، شەھەر – يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى