بىر توپ ياۋا ئۆردەك 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى قۇملۇقتىكى سۇلۇق يەردە ئۈزۈپ يۈرمەكتە.
ۋۇ شىنكۇي فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: بىڭتۈەن 7 – شى 130 – تۈەنى قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ تۈەن قۇمنى تىزگىنلەش جەريانىدا قاشالاپ مۇھاپىزەت قىلىش، چارۋا بېقىشنى چەكلەش، سۈنئىي ئورمان يېتىشتۈرۈش ۋە ئايروپىلان بىلەن ئوت – چۆپ ئۇرۇقى چېچىش قاتارلىق ئىلمىي تۈزەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، تۈەن – مەيدانىنىڭ شەرقىدىكى قۇملۇقنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك تۈزىدى ۋە يەنىمۇ ياخشىلىدى. بۇنىڭ بىلەن ياۋا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ئەسلىگە كېلىپ، قۇملۇقتىكى سۇلۇق يەرنىڭ ھاياتىي كۈچى قايتا ئۇرغۇتۇلۇپ، ھەر خىل قۇشلار ۋە ياۋايى ھايۋانلار تەدرىجىي كۆپەيدى.