تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تارىخىي يېڭى باسقۇچتىكى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ چىقايلى

ـــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (3)

خەلق گېزىتى ئوبزورچى ماقالىسى

   يېشىل تاغلار زۇمرەت دېڭىزغا تۇتاشقان ئارال شەھىرىگە يىراقتىن كەلگەن دوستلار يىغىلدى. خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى قىرغىقىدىن خۇاڭخەي دېڭىزى ساھىلىغىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يولى جۇڭگودىن باشلىنىپ، يەنە بۇ يەردىن قايتا قەدەم ئالدى.

   ‹‹مەن كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن!››. رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى بىلەن بىللە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەرنى تونۇشتۇرۇپ، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى››دىكى ئاساسىي مەقسەت ۋە پىرىنسىپلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتەك ‹‹شاڭخەي روھى››نى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىقتا چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش گۈزەل ئارزۇسىغا نەزەر سېلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تارىخىي يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئورتاق كۆز قاراش ھاسىل قىلدى.

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئاساسىي مەقسەت، پىرىنسىپتىن بىشكەك باشلىقلار يىغىنىدا تەستىقلانغان يولغا قويۇش تېزىسىغىچە، دۈشەنبە باشلىقلار يىغىنىدا بېكىتىلگەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدىن تاشكەنت باشلىقلار يىغىنىدا ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىچە بولغان 17 يىلدىن بۇيان، ھەر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا گۇۋاھچى بولدى، ھەربىر نەتىجىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. ھازىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تارىخىي يېڭى باسقۇچقا كىردى. يېڭى ۋەزىيەت ئالدىدا، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇش ۋە نەتىجىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

   ھازىرقى دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش بولۇۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى چوڭقۇر راۋاجلىنىپ، دۆلەتلەرنىڭ بىر – بىرىگە تايىنىشى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ناھايىتى مۇھىم بولۇۋاتىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تىنچلىق، ھەمكارلىق، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا ئۇزاق مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھىپىلەرنى قوشالايدۇ.

   ‹‹ئاسايىشلىقتىن ئارتۇق ئامەت، مالىمانچىلىقتىن ئارتۇق ئاپەت بولماس››. رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىنقى نىشانى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ خەۋپسىزلىك ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەشتە خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغاندەك ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاخباراتىنى ئالماشتۇرۇشنى ۋە بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار قانۇن ئاساسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت، توردا جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش كېرەك.

   ئەمەلىي ھەمكارلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىياتىنىڭ ماددىي ئاساسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە رايونلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە ئۇيغۇنلىشىش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. بىر تەرەپتىن، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى قوغداپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئاشكارا، كەمسىتمەيدىغان، قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد – سودا، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، تور ئالاقىسى، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.

   ‹‹دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە خەلقنىڭ ئىناق ئۆتۈشىگە باغلىق››. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە پارلاق مەدەنىيەت بايلىقىنى چوقۇم قەدىرلەش كېرەك. ‹‹ياشلار ئالاقە لاگېرى››، ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇنبىرى››، ‹‹ياشلار خور يازلىق لاگېرى›› ئۆتكۈزۈش، ‹‹پەن – تېخنىكا ھەمراھلىق پىلانى››نى يولغا قويۇش، تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش... ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئىجتىمائىي قىممەت قارىشىغا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش، سەھىيە، ساياھەت، ياشلار، تاراتقۇ، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى داۋاملىق قانات يايدۇرغاندىلا مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

   يېڭى تارىخىي پەللىدە ئاكتىپ، ئەمەلىيەتچىل، دوستانە ھەمكارلىشىش روھى بىلەن، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئورتاق تونۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچى››نى قوشالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 6-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى