تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىكىم نۇرلانبېك

   مەن كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارتىيەنىڭ كۆپ يىللىق تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە، ئاساسىي قاتلامدىن قەدەممۇقەدەم ئۆسۈپ يېتىلىپ، كۆپ ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلىپ، شىنجاڭ زېمىنىدىكى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. ئەگەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى گۈللىنىشى، تەرەققىياتى بولمىغان بولاتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىمۇ بولمىغان بولاتتى.

   مەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ماڭا قىلغان ھىممىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك، بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى باشتىن – ئاخىر قەتئىي قوغداپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىرادەم، سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىم ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈكىمنى كۈچەيتىپ، ھەرقانداق ئەھۋالدا تېشىم بىلەن ئىچىمنى بىردەك قىلىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك ئىشەنچ، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەت››تە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۆھپە قوشىمەن.

   شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئالدىنقى سەپ بازا ۋە ئاساسىي جەڭگاھ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. قانلىق ساۋاق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــــ ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت. بۇ بىرنەچچە يىلدا يۈزبەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئۇلار ۋاسىتە تاللىماي، ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ھە دەپ بۆلگۈنچىلىك قىلىپ، نورمال جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىدە كاللامنى باشتىن – ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، قەتئىي ھالدا باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى ھەر ۋاقىت كۈچەيتىمەن، باشتىن – ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، تەنقىد قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا ئۈزۈل – كېسىل غەرق قىلىمەن.

   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، تارىخنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەڭ قىزغىن ئىنتىلىشى، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك. مەن ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرغا خاس ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، گۈزەل يۇرت – ماكاننى ئورتاق قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى جۇغلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى