تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياۋا ياڭاق جىلغىسى مەنزىرە رايونى

   ياۋا ياڭاق جىلغىسى مەنزىرە رايونى توققۇزتارا ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا بولۇپ ، ناھىيە بازىرىدىن 13 كىلومېتىر يىراقلىقتا، ئومۇمىي كۆلىمى 1180 گېكتار كېلىدۇ، ئۇ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەبىئىي بايلىق نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان رايون.

    ياۋا ياڭاق جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئۆسۈملۈك ئىلمى ساھەسىدە  «تىرىك قاتما» دېگەن نامى بولۇپ، تۈر بايلىقىنىڭ تەبىئىي گېن ئامبىرى شۇنداقلا ياۋايى ئۆسۈملۈك مۇزېيى ھېسابلىنىدۇ. جىلغىدا 10 مىڭ تۈپكە يېقىن ياۋا ياڭاق دەرىخى، 350 خىلدىن  ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك، 100 خىل قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق جانلىق، 50 خىلدىن ئارتۇق ھاشارات، 10 خىلدىن ئارتۇق دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك بار. بۈك-باراقسان ئۆسكەن ياۋا ياڭاقلىق ئېلىمىزدىلا بار بولغان ئۆزگىچە مەنزىرە رايونى بولۇپ، دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ، ئاسىيادا پەقەت بىرىلا بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى