تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزىلاردىكى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشكەن نامرات ئاھالىلەرنى ھەقسىز داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

    مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ‹‹يېزىلاردىكى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشكەن نامرات ئاھالىلەرنى ھەقسىز داۋالاشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش››نى چۆرىدەپ كېڭەشتى ۋە سۆھبەتلەشتى.

   ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

   سۆھبەت يىغىنىدا ئون ئەزا ۋە مۇتەخەسسىس نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، مېخانىزمنى كۈچەيتىش، نامراتلارنى ساغلام يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، يېزىلاردىكى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشكەن نامرات ئاھالىلەرنى ھەقسىز داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا چارە – تەدبىر كۆرسەتتى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: يېزىلاردىكى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشكەن نامرات ئاھالىلەرنى ھەقسىز داۋالاشنى قانات يايدۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، خېلى ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. كۆپچىلىك مۇنداق تەكلىپ بەردى: تۈرلۈك سىياسەتلەرنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاشنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، نامرات رايونلارنىڭ داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلارنىڭ ئەۋزەل رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، نامراتلارنى ساغلام يۆلەشنى تۇتقا قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش قاتتىق جېڭىدە ئورتاق غەلىبە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىگە قايتما ئىنكاس قايتۇردى ۋە جاۋاب بەردى.

   نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق مەسىلىسىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلارنى ساغلاملىق جەھەتتە يۆلەش خىزمىتى، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشكەن نامراتلارنى ھەقسىز داۋالاش خىزمىتىگە قارىتا بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يېزىلاردىكى ئامما ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ‹‹يېزىلاردىكى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشكەن نامراتلارنى ھەقسىز داۋالاشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش››نى ئاساسىي تېما قىلىپ، نامراتلارنى ساغلاملىق جەھەتتە يۆلەيدىغان ساھەلەرنىڭ قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ پائال كېڭىشىپ مۇھاكىمە قىلدى، راست گەپ قىلىپ، سەمىمىي مەسلىھەت بېرىپ، ‹‹كىچىك تېما›› ئارقىلىق ‹‹چوڭ تېما››نى ياخشى ئىشلەپ، كېڭىشىش، مۇھاكىمە جەريانىدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

   نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار بۇ قېتىمقى يىغىندىكى ياخشى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇش ۋە مۇھىم پىكىر – تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا ئومۇملاشتۇرۇپ رەتلەپ چىقىپ، كېڭىشىش تەكلىپ دوكلاتى شەكلىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا يوللىشى كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىلگىرىكى ياخشى خىزمەت تەجرىبىلىرى ۋە خىزمەت ئۇسۇللىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىدە يېڭىلىق ياراتتى: تۇنجى قېتىم سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاساسىي تېمىلىق سۆز قىلدى؛ تۇنجى قېتىم پىلانلىق ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ باشقا جايلاردىكى ئەزالىرىنى يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى؛ تۇنجى قېتىم سىنلىق يىغىن شەكلىنى قوللىنىپ، ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. يىغىندىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مەخسۇس تېمىسىدىكى لېكسىيە توغرىسىدىكى ئوپتىكىلىق دىسكا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېزا  –  قىشلاقلىرىغا بىۋاسىتە تارقىتىلىپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنى يېتەكچى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى