ئاپتونوم رايونىمىز ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئىلگىرى سۈردى
بۇ يىل قەشقەر ۋىلايىتى 127 مىڭ 573 يۈرۈش يېزا ئەمىن ئۆيى سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 105 مىڭ 368 يۈرۈش ئۆي قۇرۇلۇشى باشلاندى، 72 مىڭ 481 يۈرۈش ئۆي پۈتتى. سۈرەتتە: پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلبويى يېزىسى ئاياق چولاق كەنتىدىكى پۈتكەن ئەمىن ئۆيلەر.
شيې لۇڭ فوتوسى
مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسىنىڭ ئوتتۇرا قاراجول كەنتىدە زىيارەتتە بولدۇم، 343 يۈرۈش ئەمىن ئۆي پۈتۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۇزاققا قالماي بۇ يېڭى ئۆيلەرگە كەينى – كەينىدىن كۆچۈپ كىرىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاش ئالدىدا تۇراتتى.
ئوتتۇرا قاراجول كەنتىدىكى تۇتاش كەتكەن ئەمىن ئۆي مەھەللىسىدە يېڭىدىن سېلىنغان قاتار – قاتار ئەمىن ئۆيلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. ئايجامال تۇرغۇننىڭ ئائىلىسى بۇ كەنتتىكى نامرات ئائىلە بولۇپ، ئائىلىدىكى تۆت جان ئادەم كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتى. كونا ئۆيىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئايجامالنىڭ كۆچۈش ئالدىدىكى يېڭى ئۆيى بار ئىدى. يېڭى ئۆينىڭ كۆلىمى 80 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ھويلىسى، ئېغىل – قوتانلارنى قوشقاندا 408 كىۋادرات مېتىر كېلەتتى، يېڭى ئۆينىڭ ياتاق ئۆيى، ھاجەتخانىسى، مېھمانخانىسى تەل بولۇپ، كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە مەكتەپ يېقىن ئەتراپتىلا ئىدى، بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشى، ئۆزلىرىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ ئىش بېجىرىشى ناھايىتى قولاي ئىدى.
ئاتۇش شەھىرىدىن 15 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاغۇ يېزىسىنىڭ توغراق كەنتىدە، ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلىۋاتاتتى.
ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى جۈرئەت تاش مۇنداق دېدى: ھازىر، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى رەتلەپ ھەل قىلىۋاتىمىز. كېيىنكى قەدەمدە ئۆينى قانداق سېلىشنى تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرىمىز. بۇ يىلقى ئۆي سېلىش ئومۇمىي ۋەزىپىمىز 576 يۈرۈش بولۇپ، 500 يۈرۈش ئۆي قۇرۇلۇشىنى باشلىدۇق، 260 يۈرۈش ئۆينى پۈتتۈردۇق. بۇ يىل ئاغۇ يېزىسىدىكى يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىدە دېھقانلار ئۆزى سېلىش ئەندىزىسى قوللىنىلىدۇ، بۇ، مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ ئۆي سېلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارى يوق نامرات ئائىلىلەرگە يېزىلىق ھۆكۈمەت، كەنت ئاھالە كومىتېتى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قۇرۇلۇش ئەترىتى تېپىپ ئۆي سېلىشقا ياردەم قىلىدۇ.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۆي سېلىش تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تېجەپ، ئۆي سالىدىغان دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ‹‹دېھقانلار ئۆزى سېلىش، ئۆزى ئەمگەك كۈچى چىقىرىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، جەمئىيەت يۆلەش، كارخانىلار ياردەم قىلىش›› قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىشىغا ئىلھام بېرىپ، يېزىلاردىكى ئۆي سالىدىغان نامرات ئاممىنىڭ ‹‹پۇل چىقارماي، ئاز پۇل چىقىرىپ›› يېڭى ئۆيگە كۆچۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
قىزىلسۇ ئوبلاستىغا ئوخشاش، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىمۇ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. قەشقەر ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ ۋۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 2018 – يىللىق يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئومۇمىي ۋەزىپىسى 127 مىڭ 573 يۈرۈش بولۇپ، 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنىگىچە، ۋىلايەت بويىچە 105 مىڭ 368 يۈرۈش ئۆي قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، ئىش باشلاش نىسبىتى %82.6كە يەتكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايون بۇ يىل 300 مىڭ يۈرۈش يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 210 مىڭ يۈرۈش ئۆي يېزىلاردىكى ئارخىپ ۋە كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەر، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، يېزىلاردىكى تارقاق بېقىلىۋاتقان قىيىنچىلىقى ئېغىر كىشىلەر، ئۆيىدە مېيىپلەر بولغان نامرات ئائىلىلەردىن ئىبارەت تۆت تۈردىكى نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنىڭ ئۆي سېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىلىدىكەن.
ھازىر، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش نىسبىتى%66.68 كە يەتكەن، جايلار يېزىلاردىكى تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ئوبيېكتلارغا ‹‹ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى›› بويىچە مەشغۇلات دەپتىرى ئورنىتىش خىزمىتىنى تاماملاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېغىر نامرات يېزىلىرىدىكى تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ئوبيېكتلارغا ئۆي سېلىپ بېرىش سانلىق مەلۇماتلىرى بويىچە ‹‹ئائىلىلەرگىچە دەل جايىدا بولۇش، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دېھقانلارنىڭ ئۆي قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ھەرىكەتچان نازارەت قىلىش›› خىزمەت نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرغان. كېيىنكى باسقۇچتا 300 مىڭ يۈرۈش يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىنغان ئاساستا تاماملىنىپ، ھەر مىللەت دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ۋاقتىدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.