تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

   مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

   چېن چۈەنگو تەستىقىي يوليورۇقىدا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى باش شۇجىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادى ۋە ئىشەنچىسىنى، سۇنماس ئىرادىسى ۋە پەزىلىتىنى، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، خەلق داھىيسىنىڭ خەلقنى سۆيۈشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىنى، قەلبىگە ۋەتەننى، خەلقنى پۈكۈشتەك خەلقچىللىق ھېسسىياتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتكە ئۈلگە تىكلىدى ۋە نەمۇنە ياراتتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن قەتئىي بىردەكلىكنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك، بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا ئاتلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك. نىشان – ۋەزىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەسلىكى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەسلىكى، ھەم ئالدىراقسانلىق قىلماسلىقى ۋە قارىسىغا ئىش قىلماسلىقى، پاسسىپلىق بىلەن ئىشنى ئاقساتماسلىقى، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، چەكنى يۇقىرىلاتماي، قىزىق نۇقتا ۋە نىشاننى ئۆزگەرتمەسلىككە، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايوندىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كۈچنى دەل جايىغا ئىشلىتىشكە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات ئاممىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش››نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ‹‹يەتتە بىر تۈركۈم››، ‹‹ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش››نى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى، كۈچنى توپلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشى، بىر كەنت، بىر ئادەمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەرقىي، غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نامراتلارنى نۇقتىدا يۆلىشىنى ھەقىقىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ھۆكۈمەت، بازار، جەمئىيەت ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مەخسۇس تۈر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەشتەك بىرلەشمە ھەرىكەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون باش مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، شەھەر – ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ 1 – قول رەھبەرلىرى باش مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدە، نامرات ناھىيەلەرنىڭ پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بارلىق سەرخىل كۈچنى جەڭگە قاتناشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، مەخسۇس تۈزەشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ۋە تۈرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ جۇشقۇن روھىي ھالەت، تېخىمۇ پۇختا خىزمەت ئىستىلى بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىشنى پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى