ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاۋ زىشۈەن خەۋىرى: شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى 2018-يىلى ئەتىيازلىق كىلىمات تەسىرى باھالىشىنى ئېلان قىلدى. باھالاشتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى ئەتىيازدا شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن يۇقىرى، ھۆل-يېغىن كۆپرەك بولغان.
2018-يىلى ئەتىيازدا شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 12.3 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن 1.9 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولغان. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 57.5 مىللىمېتىر بولۇپ، ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن %30 كۆپ بولغان. ھەر ئايلىق ھۆل-يېغىن مىقدارى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ 3-، 4-ئايدا ئاز بولغاندىن سىرت، قالغان ئايلاردا سەل كۆپ ياكى كۆپ بولغان، بولۇپمۇ 3-ئايدا شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارى 23.00 مىللىمېتىر بولۇپ، ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپ بولغان.
2018-يىلى باش ئەتىياز مەزگىلى (ئۇدا بەش كۈن ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 0 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان) پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا بالدۇر كۆرۈلگەن. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئاخىرقى قىرو مەزگىلى 3-ئايدا كۆرۈلگەن، شىمالىي شىنجاڭ ۋە تىيانشان رايونلىرىدا ئاخىرقى قىرو مەزگىلى 4-ئاي ۋە 5-ئاينىڭ باشلىرىدا كۆرۈلگەن.