تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاڭزۇڭزا چاغىنىلىق دەم ئېلىشتا شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرىدا ئېتىبار پائالىيەتلەر يولغا قويۇلىدۇ

سۈرەتتە: شىنجاڭ قاراجۈن ساياھەت رايونى كۆكسۇ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا قولۋاق ھەيدەۋاتقان ساياھەتچىلەر (لىڭ مىن فوتوسى)

  تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرىمىز جۇ كەيلى، ياڭ روشا خەۋىرى: 6-ئايدا ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى پىژغىرىم ياز كۈنىگە قەدەم قويدى، لېكىن شىنجاڭ يەنىلا ئىسسىقتىن ساقلىنىدىغان سالقىن ھەم راھەت جاي. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىكى ئالاقىدار خادىم 6-ئاينىڭ 11-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: «تاڭزۇڭزا چاغىنى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بولۇپ، ساياھەت تېخى بېسىق مەزگىلگە كىرمىگەن بولغاچقا، ئايروپىلان بېلىتى، مېھمانساراي قاتارلىقلار يېتەرلىك، باھاسىمۇ تۆۋەن».

  6-ئاينىڭ 16-كۈنى (شەنبە) روزا ھېيت، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 174-نومۇرلۇق ھۆكۈمەت پەرمانىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  6-ئاينىڭ 18-كۈنى (دۈشەنبە) تاڭزۇڭزا چاغىنى بولۇپ، «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2018-يىلىدىكى قىسمەن بايرام-دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ [2017] 12-نومۇرلۇق) دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 2018-يىللىق روزا ھېيت ۋە تاڭزۇڭزا چاغىنىدا ئۇلاپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، كونكرېت ۋاقتى: 6-ئاينىڭ 15-كۈنى (جۈمە) دىن 6-ئاينىڭ 18-كۈنى (دۈشەنبە) گىچە تۆت كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  ساياھەتكە چىقىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار «قوش بايرام»دا سىرتقا چىقىپ ئارام ئېلىش ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدى. تۆت كۈن دەم ئېلىشتا نەگە بېرىش كېرەك، مۇخبىر كۆپچىلىكنىڭ دەم ئېلىشنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئېتىبار پائالىيەتلىرىنى رەتلەپ چىقتى.

  تۇرپان كارىز مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ مىڭمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دەم ئېلىش مەزگىلىدە سائەت 20:00~24:00 كىچە تۇرپان كارىز مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئەسلىدىكى 40 يۈەنلىك ئىشىك بېلىتىنى %80 لىك ئېتىبار باھادا سېتىۋالغىلى، يەنە مول مەزمونلۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئويۇنلىرىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.

  6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرنى قاراشەھەر ناھىيەسى ئەسلەش كۆلىگە كېلىپ، «جەنۇبىي شىنجاڭ سۇ ماكانى» ئۆزگىچە مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. پائالىيەت مەزگىلىدە گۈل سەنئىتى ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيەتلىرىدىن باشقا، ئەسلەش كۆلى مەنزىرە رايونى قۇشلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، قېيىق ھەيدەش ساياھىتى قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەر يولغا قويۇلىدۇ .

  شىنجاڭ قاراجۈن مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتى تىجارەت مەركىزىنىڭ دىرېكتورى لىڭ مىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدۇق، 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى ئېلىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا لەيلەپ ئېقىش تۈرىدە %50 ئېتىبار قىلىنىدۇ، ئېتىبار قىلىنغاندىن كېيىن ھەر بىر ئادەم (قېتىم) 100 يۈەن». شىنجاڭ قاراجۈن ساياھەت رايونى كۆكسۇ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ لەيلەپ ئېقىش ئارىلىقى يەتتە كىلومېتىر، چۈشۈش پەرقى 40 مېتىر بولۇپ، تۆت خەتەرلىك ساھىلدىن ئۆتىدۇ، پۈتۈن ئارىلىققا لەيلەپ ئېقىش ئۈچۈن 35 مىنۇت كېتىدۇ، بۇ تۈر يازدا سالقىنلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

  تۇرپان تۇڭيى ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى فېڭ مۇنداق دېدى: «دەم ئېلىشتا تۇرپاندىكى مەنزىرە رايونلىرى تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن تەلەپ بويىچە ساياھەت قىسقا ۋىدىيوسى يوللىغان ھەر كۈندىكى ئالدىنقى 10 ساياھەتچى يېقىن ئەتراپتىكى مەنزىرە رايونلارنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكىگە بېرىپ ئۇچۇرىنى تىزىملاتسىلا تۇرپان ساياھەت يىللىق بېلىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئالدىنقى 10 نەپەردىن كېيىنكى يوللىغۇچىلار تۇرپان لىنىيەسى ئىشىك بېلىتىدىن بىرنى سېتىۋالسا بىرنى سوۋغا قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ».

  ئىگىلىنىشىچە، تۇرپاندىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى سېتىش كۆزنەكلىرىدە «قىسقا ۋىدىيو تارتىپ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە تارقاتسا» ئادەم بويىچە بەلگىلەنگەن ھەقسىز كارىز مىنېرال سۈيىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلىدىكەن.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، سانجى ئوبلاستلىق ساياھەت بىرلەشمىسى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جوۋ جىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سانجى ئوبلاستىدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرى ئېتىبار ۋە ئاساسىي تېمىلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى. سانجى شەھىرى يەنە ‹يىپەك يولى تىڭجوۋ كارنىۋال بايرىمى . تۇغقىنىمنى سانجىنى ئايلىنىشقا تەكلىپ قىلىمەن› يۈز كۈنلۈك مەدەنىيەت ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى