ئۆز خەۋىرىمىز: جىمىسار ناھىيەسىنىڭ بېيتىڭ يولىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە جىمىسار ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بېيتىڭ يولىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جىمىسار ناھىيەلىك جۇڭگو تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسىنىڭ «ساغلاملىق ئۆيى» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە دۈشەنبە كۈنىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن پايدىلىنىپ «كېسەل كۆرۈشنى ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئېلىپ كىرىش، ئاھالىلەرگە ساغلاملىق يەتكۈزۈش» تېمىسىدىكى خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
پائالىيەت جەريانىدا، جىمىسار ناھىيەلىك جۇڭگو تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسىنىڭ «ساغلاملىق ئۆيى» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى نەق مەيداندىكى ئاھالىلەرنىڭ قان بېسىمى، قاندىكى شېكەر ماددىسى ۋە ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى ئەستايىدىل ئۆلچەپ ۋە تەكشۈرۈپ، نەق مەيداندا يىڭنە سانجىپ داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سەۋرچانلىق بىلەن ئاھالىلەرگە ياز پەسىللىك كۈتۈنۈش ۋە ساقلىقنى ساقلاشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى چۈشەندۈردى.