ئۆز خەۋىرىمىز. 6-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، قاراماي شەھىرىنىڭ شەرقىي چېتىدىكى «جىنلۇڭ» كۆلى شىمالىي سۇ ئامبىرىدا بۇلاق سۈيى ئوقچۇپ چىقىۋاتاتتى. بېلىقلار سۇ ئۈستىگە سەكرەپ چىقىپ ئۆزگىچە مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.
قاراماي شەھىرىدىكى «جىنلۇڭ» كۆلىگە 2015-يىلى سۇ باشلانغاندىن بۇيان، ئەتىيازنىڭ ئاخىرىدىن كۈزنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بېلىجان ۋە بېلىقلار قويۇپ بېرىلىپ، كۆلنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشىلىنىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ساقلاپ قېلىندى. ھازىرغىچە، ئومۇمىي قىممىتى 3 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان چىپار سۇختا بېلىق، لاققا بېلىق، كارپ بېلىقى، تاپان بېلىق ۋە ئوتخور بېلىق قاتارلىق سۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدىغان بېلىق تۈرلىرى قويۇپ بېرىلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەردە بېلىق تۈرلىرى كۆپىيىپ، نۇرغۇن سۇ قۇشلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ئېكولوگىيەلىك گۈزەل مەنزىرە شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ساياھەت مەنزىرىگاھى بولۇپ قالدى.