تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودىسى مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلاندى

ماتېرىيال سۈرەت

   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: ئالدىنقى تۆت ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودىسى مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇردى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 5 مىليارد 908 مىليون دوللارغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سوممىسى 4 مىليارد 778 مىليون دوللارغا، ئىمپورت سوممىسى 1 مىليارد 130 مىليون دوللارغا يەتتى.

   تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى 4 مىليارد 818 مىليون دوللارغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە قارىتا ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى مۇقىم ئاشقان.

   سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى، ئويۇنچۇق، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش بىر قەدەر تېز ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ماشىنا ۋە ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 1 مىليارد 98 مىليون دوللارغا يىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.9 ئاشقان؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 300 مىليون دوللارغا يىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.2 ئاشقان؛ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 234 مىليون دوللارغا يىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.6 ئاشقان؛ ئويۇنچۇق ئېكسپورت سوممىسى 211 مىليون دوللارغا يىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %90.6 ئاشقان؛ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 182 مىليون ئامېرىكا دوللارغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %75.4 ئاشقان.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ جۇڭگو-ياۋروپا يۈك پويىزىنى دائىملاشتۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو-ياۋروپا يۈك پويىزىنىڭ كۆلىمى زورىيىپ، تۈرى كۆپەيگەن، كۆپ لىنىيەلەردە دائىملاشتۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇپ يۈرگۈزۈش ئالاھىدىلىكى ئەمەلگە ئاشقان. نۆۋەتتە، شىنجاڭ-ئوتتۇرا ئاسىيا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىدىن كۈنىگە 2-1 ىسى مۇقىم قاتنايدىغان بولۇپ، شىنجاڭ-رۇسىيە يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىدىن ھەپتىدە بىرسى مۇقىم قاتنايدىكەن. بۇ يىل ئۈرۈمچىدىن ئىتالىيەگە قاتنايدىغان تۆمۈر يول-دېڭىز بىرلەشمە يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىز يولى ئېچىلغان. يېڭى يۈرۈش لىنىيەسى ۋە ئەندىزىسى مەملىكەت ئىچىدىكى نۆۋەتچى پويىزلار ئىچىدە تۇنجىسى بولۇپ، يەنە گېرمانىيەنىڭ دۇيسبۇرگ شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگە قايتىش نۆۋەتچى پويىز يولى ئېچىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى