تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ ئاممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەسقەرجان تۇرسۇن خەۋىرى: قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشتات ئىشخانىسىنىڭ قەشقەر شەھىرى بەشكېرەم يېزىسىنىڭ يېڭىئاۋات كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، جان دىل بىلەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ ۋە ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئالقىشقا ئېرىشتى.

    كەنت ئاھالىسى خالىدەنىڭ بەش مو يېرى بولۇپ، ئۇ يەرلەردە ئۈزۈم، ئانار تىككەنىدى، تاللارنى باراڭغا ئالىدىغان ۋاقىتتا ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغاچقا، خالىدەنىڭ بېشى قاتتى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت كادىرلىرى ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇنى غەمدىن خالاس قىلدى.

    خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئائىلىلەرگە كىرىپ قايتا–قايتا ئەھۋال ئىگىلەش، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملىدى.

    قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشتات ئىشخانىسىنىڭ قەشقەر شەھىرى بەشكېرەم يېزىسى يېڭىئاۋات كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گوجۇڭ مۇنداق دېدى: ئىرادىلىك ياشلارنى پائال قېزىپ، پارتىيەگە كىرىشكە يېتەكلىدۇق، بىز كېيىنكى قەدەمدە خىزمەتلەرنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كەنتىمىزنىڭ قىياپىتىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى