تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

خىزمەتتىكى ئوبرازىڭىزنى ئۆيىڭىزگە ئېلىپ بارماڭ

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىلەن خىزمەتداشلار ئارا مۇناسىۋەت ئوخشاش بولمايدۇ، كىشىلەرنىڭ خىزمەتتىكى ھالىتى بىلەن ئۆيىدىكى ھالىتى خېلىلا پەرقلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشى خىزمەت داۋامىدىكى كەيپىياتىنى ھۆججەت سومكىسىغا «سېلىپ» ئۆيگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئەمما بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ تۈپەيلى بىھۇدە ئازار يەۋالىدۇ. كۈتۈلمىگەن كۆڭۈل ئاغرىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئۆيدە كىيىدىغان كىيىمنى ئالماشتۇرۇۋالغانغا ئوخشاش، خىزمەتتىكى «ئوبراز» بىلەن ئۆي ئىچىدىكى «ئوبراز»نى ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۆيگە قايتىش يولىدا لېرىك مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاچ، خىزمەت داۋامىدىكى جىددىيچىلىكلەرنى چىقىرىۋېتىشنى ئۆگىنىۋالغاننىڭ زىيىنى يوق.

   گۈزەلنۇر ئوتتۇرا ياشلىق ئىقتىدارلىق ئايال بولۇپ، بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ غوللۇق ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. بىر يىل بۇرۇن، ئۇنىڭ ئېرى مەكتەپ مۇدىرىلىقىغا ئۆستى. ئېرى ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى بولۇپ، ئىككىيلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان بولغاچقا، مۇھەببەت ئاساسى ياخشى ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئېرى ھەممىلا ئىشتا ئۆزىنىڭ دېگىنىنى ھېساب قىلغاچقا، گۈزەلنۇرمۇ خېلى كۆپ ئىشلاردا ئېرىغا يول قويدى. بولۇپمۇ، يېقىنقى بىر يىلدا ئېرىنىڭ خىزمىتى ئۆسكەندىن كېيىن، ئېرى تېخىمۇ تەرسالىشىپ كەتتى. بۇ تۈپەيلى ئۆيدە ئۇششاق-چۈششەك جېدەل قۇرۇمىدى.

   ئەمەلىيەتتە، گۈزەلنۇرنىڭ ئېرى جەمئىيەتتە «رەھبەر» لىك ئورنىدا بولغاچقا، ئۆزىنى ھەمىشە ھۆرمەتلىنىشكە لايىق، دەپ ئويلايدۇ. ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، خىزمەتتىكى ئوبرازىنى تاشلاپ قويالمىسا، تەبىئىيلا، ئائىلىدە «مېنىڭ دېگىنىم ھېساب» دەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆيدە يا جېدەل-ماجىرا تۈگىمەيدۇ ياكى جورىسىنىڭ كۆڭلى ئازار يەيدۇ.

   ئەر-ئاياللارغا مۇنداق تەكلىپ بېرىمىز: ئىككىيلەن مۇۋاپىق ۋاقىت تېپىپ، ئويلىغانلىرىنى قارشى تەرەپكە ئېيتىشى ھەمدە ئاكتىپ نۇقتىدا تۇرۇپ تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. مەسىلەن: «سىز دائىم مېنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ئاڭلاپ باقاي دېمەيسىز!» نىڭ ئورنىغا «سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ مېنىڭ كۆز-قاراشلىرىمنى ئاڭلاپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگىنى كۆپرەك ياخشى ئۈنۈم پەيدا قىلالايدۇ.

   ئەر-ئاياللار ئىدارىدىن ئۆيگە قايتقۇچە، خىزمەتتىكى ئوبرازىنى ئىشخانىغا قويۇپ قويۇپ، لېرىك مۇزىكا ئاڭلىغاچ، خىزمەت جىددىيلىكىنى كاللىسىدىن چىقىرىۋېتىشى، پاسسىپ كەيپىياتىنى ئۆيىگە بىللە ئېلىپ قايتماسلىقى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى