ھازىر بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بەل ئاغرىقى كېسەللىكلىرى ئىچىدە بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش، بەل مۇسكۇلى زەخمىسى، بەل چىم بولۇپ قىلىش كۆپرەك ئۇچرايدۇ. قوراللىق ساقچى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك باش ئەترەت دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ يەنشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بەل ئومۇرتقىسى پولتىيىپ چىقىش كېسەللىكى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئەمما ھازىر نۇرغۇن ياشلارمۇ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇۋاتىدۇ، ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ، چىلىشىش، ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈش، سوقۇلۇش قاتارلىق بەزى كۈچلۈك ھەرىكەتلەر ياشلاردا بەل ئومۇرتقىسى پولتىيىپ چىقىشنى كەلتۈرۈۋاتىدۇ، ئۇزۇن ئولتۇرۇشمۇ بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى.
ياڭ يەنشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بەل ئومۇرتقىسى پولتىيىپ چىقىش دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى، ئاساسلىقى بەل ئومۇرتقىسىدىكى ھەرقايسى قىسىملار (يىلىك يادروسى، تالا ھالقىسى ۋە كۆمۈرچەك تاختىسى) دا، بولۇپمۇ يىلىك يادروسىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، تاشقى ئامىلنىڭ تەسىرى ئاستىدا بەل ئارىلىق تەخسىسىدىكى تالالار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، يىلىك يادروسى توقۇلمىلىرى يېرىلغان يەردىن بۆرتۈپ چىقىپ، ئارقا تەرەپتە ياكى ئومۇرتقا قانىلى ئىچىدە چىقىپ قېلىپ، مۇناسىۋەتلىك قوشنا يۇلۇن نېرۋا يىلتىزى غىدىقلاشقا ۋە بېسىلىشقا ئۇچراپ، بەل ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ، بىر تەرەپتىكى تۆۋەنكى مۈچە ياكى ئىككى تەرەپتىكى تۆۋەنكى مۈچە ئۇيۇشۇش، ئاغرىشتەك بىرقاتار كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بەل ئومۇرتقىسى پولتىيىپ چىقىپ قىلىش كېسەللىكىنىڭ ئادەتتە بەلنىڭ توققۇز كۆز قىسىمىدا كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، %95 نى ئىگىلەيدىكەن. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدىغان كىشىلەر توپى بولسا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئىكەن. چۈنكى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار بەل ئومۇرتقىسى چېكىنىش ئۆزگىرىشىدىن ساقلىنالمايدىكەن، بۇنىڭغا يېنىك سىرتقى كۈچ ۋە سىرتقى زەخمىلەرنى قوشقاندا، مەسىلەن: تۇيۇقسىز بەلنى تولغاش، ئېغىر نەرسىلەرنى يۆتكەش قاتارلىقلار بەل ئومۇرتقىسى پولتىيىپ چىقىشنى پەيدا قىلىدىكەن. يېنىكلىرىدە تۆۋەنكى مۈچە ئاغرىش، ئۇيۇشۇش، ئېغىرراق بولغاندا چوڭ، كىچىك تەرەت توسۇلۇش، تۆۋەنكى مۈچە كۈچسىزلىنىش، بەلنىڭ تۆۋەن قىسىمى پالەچ بولۇپ قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن، شۇڭا بەل ئاغرىقى، پۇت ئاغرىقىغا سەل قاراشقا بولمايدىكەن.
لېكىن، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار بەل ئومۇرتقىسى پولتىيىپ چىقىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپلا قالماستىن، ياشلارمۇ گىرىپتار بولىدۇ، ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەر كۆپرەك گىرىپتار بولىدۇ، چىلىشىش، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش، سوقۇلۇش قاتارلىق كۈچلۈك سىرتقى كۈچلەر ياشلارنى بەل ئومۇرتقىسى پولتىيىپ چىقىش كېسەللىكىگە گىرىپتار قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن ئولتۇرۇشمۇ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشنىڭ يەنە بىر خىل سەۋەبى.
بىرىنچى، ئۇزۇن ئولتۇرۇش. مەيلى ئۇخلىغان ۋاقىتتا بولسۇن، ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ياكى خىزمەتتە بولسۇن، بەل ئولتۇرغان ھالەتتە تۇرغاندا، تۇيۇقسىز بەلنى ئايلاندۇرسا يىلىك يادروسى بۆرتۈپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ھالەتتە ئومۇرتقا ئارىلىق ئىچىدە بېسىممۇ يۇقىرى بولغانلىقتىن، يىلىك يادروسىنى ئارقا تەرەپكە بۆرتۈپ چىقىرىدۇ.
ئىككىنچى، بەل ئومۇرتقا تەخسىسىنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى. بەل ئومۇرتقا تەخسىسىنى قان بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىغاندا، ئۆزىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەل ئومۇرتقا تەخسىسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بېسىمىغا، تارتىشىغا ۋە ئايلاندۇرۇشىغا ئۇچرايدىغان بولغاچقا، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى، تالا ماددىسى، كۆمۈرچەك تاختىسى تەدرىجىي قېرىپ، تالا ھالقىسى ئاسانلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۈچىنچى، ھەرىكەت جايىدا بولماسلىق، بەك كۈچىۋېتىش، ھەرىكەت يۈكى زىيادە ئارتىش. ئۇزۇن ۋاقىت بەلنى ئېگىش، ئېگىز يەردىن نەرسە ئېلىش، نەرسە يۆتكەش، بىر قولدا ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈشتەك ھەرىكەتلەر بەلنى زەخمىلەندۈرىدۇ.
بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:
بىرىنچى، ھەرىكەت قىلىشتىن ئىلگىرى بەلنىڭ ھەرقايسى تەييارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەپ، مۇسكۇللارنىڭ قوغداش رولىنى جانلاندۇرۇش كېرەك.
ئىككىنچى، نەرسە كۆتۈرگەن چاغدا توغرا ھالەتتە كۆتۈرۈش، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھالىتىدىمۇ پۇتنىڭ كۈچى بىلەن نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ، بەل ئاغرىقىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئۈچىنچى، بەل-دۈمبە مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بەل مۇسكۇلىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بەل مۇسكۇلىنىڭ زەخمىلىنىشىنى ئازايتىش كېرەك.
تۆتىنچى، بەلنى ئېگىپ نەرسىلەرنى ئالغاندا ئۈستۈنكى بەدەننى تۈز قىلىپ ئېلىش، بېلىنى ئېگىپ تىك تۇرۇشنى ساقلاش، ئاندىن زوڭزىيىش كېرەك.
بەشىنچى، بېلى زەخمىلەنگەنلەر بېلىنى ئىسسىق تۇتۇشى، شامال ۋە سوغۇق تېگىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.