تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭدىكى يەتتە ئالىي مەكتەپتە پويىز بېلىتى سېتىش كۆزنىكى تەسىس قىلىندى

ماتېرىيال سۈرەت

    تورىمىز خەۋىرى: بۇ يىلقى يازلىق تەتىلدە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتىن چىقماي تۇرۇپلا پويىز بېلىتى سېتىۋالالايدۇ!

   جۇڭگو ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ  6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى بېكىتى 2018-يىلى يازلىق تەتىلدىن باشلاپ، يەتتە ئالىي مەكتەپتە بېلەت سېتىش كۆزنىكىدىن يەتتىنى تەسىس قىلىدىكەن.

   ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشى، بېلەت چىقىرىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى شىنجاڭ داشۆسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى، شىنجاڭ پىداگوگىكا داشۆسى، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، شىنجاڭ كەسپىي داشۆسى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىدىن ئىبارەت يەتتە مەكتەپتە بېلەت سېتىش ئورنى تەسىس قىلدى.

   نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ۋوگزالى ھەر قايسى بېلەت سېتىش كۆزنەكلىرىگە قارىتا ئورۇن تاللاش، ئۈسكۈنە قۇراشتۇرۇش، تور تەڭشەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ بولغان، ھەمدە ھەر ھەپتىنىڭ  پەيشەنبە، جۈمە كۈنلىرى ۋە قىسقا دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى ئۈچ كۈنىدە خادىملارنى مەكتەپتە بېلەت سېتىش، بېلەت ئېلىش ( توردا بېلەت زاكاز قىلغان بىلەتنى كۆرسىتىدۇ) ۋە بېرىپ-كېلىش بېلىتىنى بېجىرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى بېجىرىشكە تاللاپ ئەۋەتىشنى پىلانلىغان. ئىگىلىنىشىچە، ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق، يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىش ۋاقتىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلار مۇددەتتىن 15 كۈن بۇرۇن بېلەت سېتىش نۇقتىسىغا بېرىپ بېلەت سېتىۋالسا ياكى توردىن ئالغان بېلىتىنى چىقىرىۋالسا بولىدىكەن.

   ئۇنىڭدىن باشقا، 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ، ھەر قايسى ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە بارلىق يازلىق تەتىللىك قولايلىق بېلەت سېتىش كۆزنىكى ئېچىۋىتىلىدىغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتىن چىقماي تۇرۇپلا قولايلىق بىلەت سېتىش كۆزنىكىدىن بېرىپ-كېلىش پويىز بېلىتى سېتىۋالالايدىكەن، ئالاقە تورى، تېلېفوندا بېلەت زاكاز قىلىش، ئېلىش كەسپىنى بېجىرەلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى