تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىناۋەت ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىتاب ئارىيەت ئېلىش ماشىنىسى خېبىيدا نامايەن بولدى

ئوقۇرمەنلەر 6-ئاينىڭ 11-كۈنى جاڭجياكوۋ شەھىرى شۈەنخۇا رايونى مەمۇرىي ئىش بېجىرىش مەركىزىدىكى « ئىناۋەت ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىتاب ئارىيەت ئېلىش ماشىنىسى » ئالدىدا ئوقۇيدىغان كىتابلىرىنى تاللىماقتا.
    شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب ئارىيەت ئېلىشىغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، خېبىي ئۆلكىسى جاڭجياكوۋ شەھىرى شۈەنخۇا رايونى يېقىندا 30 دىن ئارتۇق « ئىناۋەت ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىتاب ئارىيەت ئېلىش ماشىنىسى » نى كىرگۈزۈپ، شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت مەركىزى، كۇتۇپخانا، قىسمەن مەھەللە رايونى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا قويدى، ھەربىر ماشىنا ئىچىگە 200 پارچە كىتاب قويۇلغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاش ئارقىلىق  كىتابنى ھەقسىز ئارىيەتكە ئالالايدىكەن.

ئوقۇرمەنلەر 6-ئاينىڭ 11-كۈنى جاڭجياكوۋ شەھىرى شۈەنخۇا رايونى مەمۇرىي ئىش بېجىرىش مەركىزىدىكى « ئىناۋەت ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىتاب ئارىيەت ئېلىش ماشىنىسى » ئالدىدا ئىككىلىك كودنى سكانېرلاپ كىتاب ئارىيەتكە ئالماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى