ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ خۇييۇڭ خەۋىرى، فوتوسى: 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، يېڭىباغ كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئىلىجان ئوسمان بۈگۈر ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۈگۈر بازىرى يېڭىباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە بىرىنچى قارار سېتىلغان 80 كىلوگرام تاۋۇزىنىڭ پۇلىنى تاپشۇرۇۋالدى.
ئىلىجان ئالتە مو يەرگە تاۋۇز تېرىغان بولۇپ، يېقىندا تاۋۇزلىرى پىشىپ، سېتىش مەسىلىسى ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇرغانىدى. بۈگۈر ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۈگۈر بازىرى يېڭىباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق كادىرلىرى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ئاكتىپلىق بىلەن ئۈندىدار توپلىرىدا، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرەكلىرىدە دوستلىرىغا بۇ خەۋەرنى تارقىتىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدى. نۆۋەتتە، ئىلىجاننىڭ تاۋۇزلىرى ياخشى سېتىلماقتا.