تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

توردىكى باھادا ئېتىبار بېرىپ، تاۋارلارنى سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيەتلىرىدە باھانى يۇقىرىلىتىپ، ‏ئاندىن ئېتىبار بېرىشكە بولمايدۇ

  خەلق گېزىتى، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى. بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا «18-ئىيۇن» توردا مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەمۇرىي يېتەكچىلىك قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، تور سودا سۇپىلىرى (تور بېكەتلىرى)، تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ توردا تىجارەت قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى:

  «تور سودىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «تور تاۋارلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۆزلىكىدىن بويسۇنۇش؛ تېزلىتىپ سېتىش ئۇچۇرلىرىنى ئالدىن ئېلان قىلىش، سۇپىغا كىرىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش، سېتىش ئۇچۇرىنى خاتىرىلەش ۋە ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۆزلىكىدىن ئادا قىلىش؛ كېلىشىم تۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سېتىشنى تېزلىتىش تىجارەتچىلىرىنىڭ باشقا سۇپىدىكى سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى چەكلەش، چەتكە قېقىشىغا بولمايدۇ.

  سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تىجارەتچىلىرىنىڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەت مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىشىنى، «توردا سېتىۋېلىنغان تاۋارلارنى يەتتە كۈن ئىچىدە سەۋەبسىز قايتۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» قاتارلىق بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشىنى نازارەت قىلىش كېرەك، ئەندىزلىك ماددا ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان سېلىشقا، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سەۋەبلىك تاۋارلارنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىشكە، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ناچار تاۋارلارنى ياخشى تاۋارلارغا، ساختا تاۋارلارنى راست تاۋارلارغا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇچۇرى ئۆلچىمى ۋە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېلان ئۆلچىمىگە ئۆزلىكىدىن بويسۇنۇش، تاۋارلار ۋە مۇلازىمەتلەرنى كىشىگە خاتا چۈشەنچە بېرىدىغان ساختا تەشۋىقات ۋە كۆرسەتمىلەرنى بېرىشكە، ساختا ئېلان تارقىتىشقا، ئاۋۋال باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاندىن باھادا ئېتىبار بېرىشكە، باھاغا ماس مال يوق بولۇش قاتارلىق ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ. سودا قىلىش، پۈتۈشۈش مىقدارى ياكى ئابونتلارنىڭ ساختا باھا بېرىشى قاتارلىق سودا ئىناۋىتىنى يالغاندىن يۇقىرىلىتىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولمايدۇ.

  زۆرۈر بولغان تېخنىكىلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق سۇپىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئەترىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز قىلىشى ۋە تاۋار ماركىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئەرز قىلىشىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيتىدىكى مال يەتكۈزۈش جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئىستېمالچىلارنى سۈپىتى ئەلا، باھاسى مۇۋاپىق، مۇلازىمىتى ياخشى تاۋارلار ۋە مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ قانۇنلۇق، ئادىل، زۆرۈر بولغان پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىستېمالچىلار ۋە تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى يىغىش، ئىشلىتىش، ئاشكارىلاش مەنئىي قىلىنىدۇ.

  «جىڭدۇڭ»، «ئەلى بابا»، «سۇنىڭ» «گومېي»، «داڭداڭ تورى» قاتارلىق 12 تور سودا سۇپىسى (تور بېكىتى) دىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىملار سۆھبەت يىغىنىدا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى