تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىككى تارماق ھۆججەت تارقىتىپ كىتابنى توپ، پارچە سېتىش ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجىنى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى

    خەلق تورى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىقى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن باج ئىدارىسى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى «مەدەنىيەت تەشۋىقاتى قوشۇلما قىممەت بېجى ئېتىبار سىياسىتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى) نى بىرلىكتە تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، كىتابنى توپ، پارچە سېتىش ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ يەتتە تۈرلۈك نەشر بۇيۇمىنىڭ نەشر ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجىگە %100 ئاۋۋال ئېلىپ كېيىن قايتۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدۇ؛ ئىككى تۈرلۈك نەشر بۇيۇمىنىڭ نەشر ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجىغا %50 ئاۋۋال ئېلىپ كېيىن قايتۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدۇ.
    «ئۇقتۇرۇش» تا : 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، تۆۋەندىكى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئاۋۋال ئېلىپ كېيىن قايتۇرۇش ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
    تۆۋەندىكى نەشر بۇيۇملىرىنىڭ نەشر ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجىغا %100 ئاۋۋال ئېلىپ كېيىن قايتۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدۇ:
   1.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيەلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورگان گېزىتى ۋە ئورگان ژۇرنىلى، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش، ھۆكۈمەت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلار بىرلەشمىسى، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئورگان گېزىتى ۋە ئورگان ژۇرنىلى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئورگان گېزىتى ۋە ئورگان ژۇرنىلى، ھەربىي تارماقلارنىڭ ئورگان گېزىتى ۋە ئورگان ژۇرناللىرى.
    يۇقارقى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان تارماقلارنىڭ ئورگان گېزىتى ۋە ئورگان ژۇرناللىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئاۋۋال ئېلىپ ئاندىن قايتۇرۇش دائىرىسى بىر ئورۇننىڭ بىر پارچە گېزىتى ۋە بىر ژۇرنىلى ئىچىدە كونترول قىلىنىدۇ.
    2.مەخسۇس ئۆسمۈر بالىلار ئۈچۈن نەشر قىلىپ تارقىتىلغان گېزىت ۋە ژۇرناللار، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىكلىرى.
    3.مەخسۇس ياشانغانلار ئۈچۈن نەشر قىلىپ تارقىتىلغان گېزىت ۋە ژۇرناللار.
    4.ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نەشر بۇيۇملىرى.
    5.ئەمالار يېزىقىدىكى كىتاب ۋە ژۇرناللار.
  6.ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، شىزاڭ، نىڭشيا، شىنجاڭدىن ئىبارەت بەش ئاپتونوم رايوندا تەستىقلىنىپ، رويخەتكە ئېلىنغان نەشرىيات ئورۇنلىرى نەشر قىلغان نەشر بۇيۇملىرى.
    7.مەزكۇر ئۇقتۇرۇشقا كىرگۈزۈلگەن قوشۇمچە جەدۋەل 1 دىكى كىتاب، گېزىت ۋە ژۇرناللار.
    تۆۋەندىكى نەشر بۇيۇملىرىنىڭ نەشر ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجىگە %50 لىك ئاۋۋال ئېلىپ كېيىن قايتۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدۇ:
    1.تۈرلۈك كىتاب، ژۇرنال، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى، ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇملىرى، لېكىن مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ بىرىنچى ماددىسى (بىرىنچى) تۈرىدە بەلگىلەنگەن قوشۇلما قىممەت بېجىگە %100 لىك ئاۋۋال ئېلىپ كېيىن قايتۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدىغان نەشر بۇيۇملىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
    2.مەزكۇر ئۇقتۇرۇشقا كىرگۈزۈلگەن قوشۇمچە جەدىۋەل 2 دىكى گېزىتلەر.
    تۆۋەندىكى بېسش ، ياساش كەسپى قوشۇلما قىممەت بېجىگە %100 لىك ئاۋۋال ئېلىپ كېيىن قايتۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدۇ:
    1.ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىش ياكى ياساش كەسپى.
    2.مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ قوشۇمچە جەدىۋەل 3 گە كىرگۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەتبەئە كارخانىلىرى مەتبەئە كەسپى.
    «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، كىتابنى توپ، پارچە سېتىش ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ پەن-تېخنىكا ئورۇنلىرىنىڭ ئىشىك بېلەت كىرىمى، شۇنداقلا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى قانات يايدۇرغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ئىشىك بېلەت كىرىمىدىن ئېلىنىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى