تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

نېمە ئۈچۈن بەزى بالىلارنىڭ قاڭشىرىدا كۆك تومۇر بولىدۇ؟

  نۇرغۇن بالىلارنىڭ قاڭشىرىدا كۆك تومۇرنىڭ بارلىقىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرساقمۇ، ئەمما بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىدىغانلار كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن.

  خېنەن جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىك داشۆسى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا كېسەل داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جۈۋېي بۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرۈش بەرگەن. قاڭشارنىڭ كۆكىرىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ئەمەلىيەتتە تال ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ جىگەر ئىقتىدارىنىڭ كۈچەيگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  بالىلارنىڭ تال ئىقتىدارى ئاجىزلاشسا جىگەر ئىقتىدارى كۈچىيىپ قاڭشىرىدا كۆك تومۇر پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر دىققەت قىلغان بولساق، بۇنداق بالىلارنىڭ ئورۇق، ئىشتىھاسىنىڭ ياخشى ئەمەس، تاماق تاللايدىغان، ئاسان تىت-تىت بولىدىغانلىقىنى، كېچىدە ئۇيقۇسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، بەزى بالىلارنىڭ ھەتتا چېچى سارغۇچ، چىرايى تاتراڭغۇ، بويىنىڭ پاكار بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز.

   بالىلارنىڭ بۇرنىدىكى كۆك تومۇرنى يوقۇتۇش ئۇسۇلى بىرىنچى، تال تومۇرلىرىنى قۇۋۋەتلەش سول قولىڭىز بىلەن بالىڭىزنىڭ سول قولىنى تۇتۇپ، ئوڭ قول باش بارمىقىڭىز بىلەن بالىڭىزنىڭ باش بارماق يان بىلەك تەرىپىنى بويلاپ بارماق ئۇچىدىن بارماق تۈۋىگىچە ئىتتىرگەندە، تال تومۇرىنى قۇۋۋەتلىگىلى بولىدۇ.

  ئىككىنچى، جىگەر تومۇرىنى تازىلاش جىگەر تومۇر (肝经穴) پەللىسى كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ بارماق تۈۋىدىن بارماق ئۇچىغىچە بولغان بىر تۈز سىزىقنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بارماق تۈۋىدىن بارماق ئۇچىغىچە ئىتتىرىپ بەرسە جىگەر تومۇرى تازىلىنىدۇ (كۈنىگە 150 قېتىم).

  ئۈچىنچى، بەنمېن (板门穴) پەللىسىنى ئۇۋۇلاش بەنمېن پەللىسى بىر رايون بولۇپ، باش بارماقنىڭ ئاستى ئالقاننىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى قېلىن گۆشلۈك يەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پەللىنى سائەت ئىستىرىلكىسى بويىچە كۈنىگە 300~150 قېتىمغىچە ئۇۋۇلاپ بەرسە قاڭشاردىكى كۆك تومۇرلار يوقايدۇ. قورسىقى كۆپىدىغان، ھەزىم قىلىشى، ئىشتىھاسى ناچار، ئورۇق، چىرايى تاتراڭغۇ بالىلارنىڭ بۇ پەللىسىنى كۆپرەك ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك.

   تۆتىنچى، جۇڭ ۋەن (中脘穴) پەللىسىنى ئۇۋۋۇلاش جۇڭ ۋەن پەللىسىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدەش ئىقتىدارى ناچار بولۇش، قورساق كۆپۈش، قەۋزىيەت، ئاشقازان ئاغرىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار ياخشىلىنىدۇ. بەزى بالىلار كېچىسى ۋاقتىدا ئۇخلىمىسا ياكى ئۇياق-بۇياققا كۆپ ئۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار بۇ پەللىنى ئۇۋۋۇلاپ بەرسە، بالىلار تېزلا ئۇخلاپ قالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى