تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ئۇچۇرلىرى

ساقچى تەرەپ ئايروپىلان بېلىتى ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش تېلېگراف ئالدامچىلىقىدىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 5 – ئاينىڭ 17 – كۈنى بىر قېتىملىق ئايروپىلان بېلىتىنى ئۆزگەرتىش تېلېگراف ئالدامچىلىقى دېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ تېزدىن بانكا كارتىسىنى توڭلىتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، زىياننى قايتۇرۇۋالدى. ساقچىلار ئاممىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئايروپىلان بېلىتى ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش تېلېگراف ئالدامچىلىقىدىن ساقلىنىشقا ئەسكەرتتى.

   خاڭجوۋدىن ئۈرۈمچىگە كاماندروپكىغا كەلگەن شى X ئەسلىدە 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى قايتماقچى بولغان، لېكىن ئىشىنى تۈگىتىپ بولالمىغاچقا، 5 – ئاينىڭ 17 – كۈنى يان تېلېفونى ئارقىلىق مەلۇم تور بېكەتتە ئايروپىلان بېلىتىنىڭ ۋاقتىنى ئۆزگەرتكەن. ئۇ بىر سائەتتىن كېيىن ئۆزىنى مەلۇم ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ خېرىدار مۇلازىمەتچىسى دەپ ئاتىۋالغان بىرەيلەننىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان. قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا ئايروپىلان بېلىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇپ قايتىدىن ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ھەم 300 يۈەنلىك ئايروپىلان بېلىتى زىيىنىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

   شى X قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسى نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى ئېيتىپ بەرگەن ھەم يان تېلېفوندىكى كۆرسەتمىگە ئاساسەن كىرگۈزۈشنى مۇقىملاشتۇرغان. ئىشتىن كېيىن ئۇ ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سايباغ رايونى تارماق ئىدارىسى توپاتاغ ساقچىخانىسىنىڭ تۇگۇڭ گاز قاچىلاش پونكىتى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شى Xنىڭ ئاپتوماتىك پۇل بەرگۈدە مەخپىي نومۇرنى ئۇدا ئۈچ قېتىم خاتا كىرگۈزۈپ، ھېسابات نومۇرىنى توڭلىتىۋېتىشىگە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىپ، 258 مىڭ يۈەن زىياننى قايتۇرۇۋالغان.

   ساقچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆزىنى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ مۇلازىمەتچىسى دەپ تېلېفون ئۇرۇپ، ئايروپىلان ئۇچۇرىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەنلىكىنى، قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، پۇلنى قايتۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن يولۇچىدىن ئاۋازلىق ئەسكەرتمىگە ئاساسەن بانكا كارتا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىش تېلېگراف ئالدامچىلىقىنىڭ بىر تۈرى ئىكەن.

   ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئايروپىلان بېلىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئائىت ئۇچۇر ۋە تېلېفونلارنى تاپشۇرۇۋالغاندا، سوغۇققانلىق بىلەن ئۇچۇرنىڭ راست – يالغانلىقىنى ئايرىش كېرەك. ئايروپىلان زاكاز تالونىنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولسا، چوقۇم ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت تېلېفونىغا ئۇرۇش كېرەك. خېرىدارلارنى ھېسابات نومۇرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلاردىن بانكا كارتىسى ۋە مەخپىي نومۇرنى ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئالدامچىلىق. بۇنىڭغا ئاسانلىقچە ئىشەنمەي، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.  

  سۈي يۈنيەن
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى