تورىمىز خەۋىرى: 2018-يىللىق خەلقئارالىق سۇ ئۈزۈش بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسى سۇغا سەكرەش مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە ۋۇخەندە ئاخىرلاشتى. چېن ئەيسىن ئەرلەر 10 مېتىرلىق تاختىدىن يالغۇز سەكرەش تۈرىدە چېمپىيون بولدى. بۇ ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى سۇغا سەكرەش مۇسابىقىسىدە 2-قېتىم چىمپىيون بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.
شى يەنماۋ ۋە چاڭ يەننىدىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا ئاياللار ئۈچ مېتىرلىق تاختىدىن جۈپ سەكرەش تۈرىدە چېمپىيون بولدى، ئېلىمىز سۇغا سەكرەش كوماندىسى بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى سۇغا سەكرەش مۇسابىقىسىدە 11 ئالتۇن مېدال ئالدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان ماھىرلاردىن چېن ئەيسىن، شې سىيى، چېن يىۋىن قاتارلىق ماھىرلار بەش ئالتۇن مېدالنى، قالغان ئىككى ئەر ماھىر قوش چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.