تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

دېھقانلارنى سۆيۈندۈرگەن تۇغقاندارچىلىق

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا

   يېقىندىن بۇيان كەنتىمىزدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەشۋىقات، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنى بېيىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، بىزنى نۇرغۇن يېڭى بىلىمگە ئىگە قىلدى. قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ كېلىشى بىلەن كەنتىمىز بىردىنلا قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدى،  دېدى ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھۈسەنجان قاسىم خۇشال ھالدا. قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە قەشقەر شەھىرىنىڭ بەشكېرەم يېزىسى يۇقارقى سايباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق كادىرلار ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىغا سەمىمىي مېھىر – مۇھەببىتىنى يەتكۈزدى. پائالىيەتتە ئۇلار تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، مۇڭدىشىپ ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈردى.

   ‹‹چۈشىنىشلىك، ئاممىباب تەشۋىقاتتىن ئىلھاملاندۇق››

  ــــ ھەممىمىزگە مەلۇم، ھازىر كەنتىمىزدە ‹‹مەدەنىي ئائىلە بەرپا قىلىش›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، بۇنى بىلىدىغانسىلەر؟

 ـــ بىلىمىز!

  ــــ  ‹‹مەدەنىي ئائىلە بولۇش››نىڭ ئۆلچىمىنى بىلەمسىلەر؟...

   يېقىندا، يۇقارقى سايباغ كەنتىنىڭ مۇلازىمەت مەركىزىدە بىر مەيدان جانلىق تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. ئامما تەشۋىقات پائالىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى. سورالغان سوئاللارغا بەس – بەستە جاۋاب بېرىشتى، ئالقىش سادالىرى توختىماي ياڭرىدى.

   ‹‹مەدەنىي ئائىلە بەرپا قىلىش››، ‹‹ئەمگەك قىلىش شەرەپلىك›› قاتارلىق بىر يۈرۈش تەشۋىقاتلار ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. كەنت ئاھالىلىرى قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى لېكتورلار ئۆمىكىدىكى تەشۋىقاتچىلار بىلەن بىردەمدىلا چىقىشىپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. چۈشىنىشلىك، ئاممىباب، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىدىغان مول مەزمۇنلۇق تەشۋىقاتلار كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقتى.  

   كەنت ئاھالىلىرى بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: بىز ھەر كۈنى كەچتە لېكسىيە ئاڭلاپ، نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇق. تەشۋىقاتچىلار بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى، ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن ياخشى ئىش – پائالىيەتلەرنى، ئۈلگىلىك تىپلارنى تەشۋىق قىلدى. چۈشىنىشلىك، ئاممىباب تەشۋىقاتتىن زور ئىلھام ئالدۇق، بىز تۇغقانلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئۇيۇشتۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە تېخىمۇ ئىلھام بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

   چىن كۆڭۈلدىن قىلىنغان ياردەم

   ماي ئېيىنىڭ سالقىن شامىلى كىشىگە ھۇزۇر بېرەتتى. ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىلەر كىشىلەرنىڭ روھىي كەيپىياتىغا جۇشقۇنلۇق ئېلىپ كەلگەنىدى، ئېتىز بېشى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلىسىدا دېھقانلارغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. ئۇلار تۇغقانلىرىغا ياردەملىشىپ باغدىكى ئوتلارنى ئوتاپ، چارۋىلارغا يەم بېرىپ، ھويلا – ئارانلارنى رەتلىشىپ بېرىۋاتاتتى، ھەممە يەردە قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى. كادىرلار بىلەن تۇغقانلارنىڭ رىشتى بىر، ئويى بىر، ئۇلار بىللە ئەمگەك قىلىش جەريانىدا ئۆزئارا چۈشىنىشنى، مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتاتتى.

   كەنت ئاھالىسى ئېلى ياسىننىڭ قىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3 – يىللىقىدا ئوقۇيتتى. كادىرلار ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش داۋامىدا، ئېلى ياسىننىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ قىزىنىڭ تاپشۇرۇقنى سۇپىدىكى كىگىزدە دۈم يېتىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئېلى ياسىننىڭ قوشماق تۇغقىنى ئېليارجان مەمەتئېلى دەرھال بازارغا بېرىپ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، بىر يۈرۈش يېڭى ئۆگىنىش ئۈستىلى ئېلىپ بەردى.

   ــ  تاغا – ھەدىلەرنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت، ئۈستەلدە دەرس تەكرارلاش ناھايىتى راھەت ئىكەن، مەن ياخشى ئوقۇپ، كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولىمەن، ـ دېدى تۇرسۇنئاي ئېلى.

   مەدەنىي يېڭى ئىستىل ھەممە يەردە ئەۋج ئالدى

   5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، يۇقارقى سايباغ كەنتى مەدەنىيەت مەيدانى قاينام – تاشقىنلىققا تولدى. بۇ كۈنى بۇ يەردە ئارقان تارتىشىش، ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. تۈرلۈك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆيىدە بېكىنىپ ئولتۇرغان دېھقانلارنى جەلپ قىلدى، دېھقانلار ھازىر ھەر كۈنى مەدەنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، تۇرمۇشىنى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزىدىغان بولدى.

   بۇ كەنتتىكى خېلىل تۇردى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئالدىراش ئىشلەيتتۇق، ھازىر ئىشتىن چۈشۈپلا كەنت ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىمىز، ھەممە يەردە قىزغىن، جۇشقۇن كەيپىيات بار. ھازىر كۆپچىلىكنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى بېيىدى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

   قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى كادىرلار قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، دېھقانلارغا ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، ئائىلە زىيارىتىدە يېزا مۇھىتىنى تۈزەشنىڭ مۇھىملىقىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى گۈزەل يېزا – كەنت بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى