تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئالدىنقى تۆت ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 95 مىليارد 405 مىليون يۈەنگە يەتتى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 2018-يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 95 مىليارد 405 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئاشتى.

  مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئىستېمال بازىرىدىكى تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىشى ۋە ياتاق، يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ پارچە سېتىلىشى مۇقىم ئۆسكەن، توردا مەھسۇلات سېتىش قاتارلىق يېڭى كەسىپلەر داۋاملىق بىر قەدەر يۇقىرى ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان.

  بۇنىڭ ئىچىدە، چەكلىك سوممىدىن يۇقىرى توپ ۋە پارچە سېتىش كەسپىنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 38 مىليارد 79 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.8 ئاشقان؛ چەكلىك سوممىدىن يۇقىرى ياتاق، يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 2 مىليار 86 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3 ئاشقان.

  كۈندىلىك ئىستېمال تۈرىدىكى پارچە سېتىلىدىغان تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىشى مۇقىم ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، چەكلىك سوممىدىن يۇقىرى ئاشلىق-ماي يېمەكلىك تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 2 مىليارد 694 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.7 ئاشقان؛ ھاراق-تاماكىلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 625 مىليون يۈەن بولۇپ، %11.3 ئاشقان؛ كىيىم-كېچەك، ئاياغ ۋە ئىلمە توقۇلما بۇيۇملىرى تۈرىدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 3 مىليارد 274 مىليون يۈەن بولۇپ، %7.3 ئاشقان؛ كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 829 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.6 ئاشقان؛ ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 983 مىليون يۈەن بولۇپ، %12 ئاشقان؛ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئۈن-سىن سايمانلىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 1 مىليارد 206 مىليون يۈەن بولۇپ، %5.8 ئاشقان؛ جۇڭگو تېبابەتچىلىكى ۋە غەربچە دورا تۈرلىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 3 مىليارد 454 مىليون يۈەن بولۇپ، %3.9 چۈشكەن.

  توردا تاۋار سېتىش قاتارلىق يېڭى كەسىپلەر داۋاملىق بىر قەدەر يۇقىرى ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان. بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار توردا سېتىش ئارقىلىق 3 مىليارد 590 مىليون يۈەنلىك تاۋار پارچە سېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ (ئۈچىنچى تەرەپ ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق)، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.8 ئاشقان؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ توردا پارچە سېتىش سوممىسى 14 مىليارد 720 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪24.5 ئاشقان، شۇ مەزگىلدىكى ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسىنىڭ %20.1 نى ئىگەللىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى