تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش زالىدا 6-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى لوڭقىسى» بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشتا يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سۇغۇرتىسى بىلىملىرى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى، شىنجاڭ يېقىلغۇ (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق 24 ۋەكىللەر كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتناشتى.

  بۇ يىل 6-ئاي مەملىكەت بويىچە 17-قېتىملىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، شەھەر مىقياسىدا بىخەتەرلىك مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىلجىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى بىر ئايلىق «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتىنى يولغا قويدى، ئارىلىقتا پۈتۈن شەھەردىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار يۈرۈشلۈك تەشۋىق-تەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  بۇ قېتىملىق بىخەتەرلىك بىلىملىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنىڭ بىر تۈرى، زېھىن سىناش مۇسابىقىسىنىڭ مەزمۇنى «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار، جىددىي قۇتقۇزۇش، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، كەسىپلەرنى بىخەتەرلىك، ساغلاملىق بويىچە باشقۇرۇش» قاتارلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي ساۋاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقىدە قاتناشقۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك بىلىملىرى ھەر جەھەتتىن سىنالدى. تۆت ئايلانما تىركىشىش ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋەكىللەر كوماندىسى بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى باش شىركىتى بىرىنچى تارماق شىركىتىنىڭ كوچېگارى لىن يۇڭ بۇ قېتىملىق زېھىن سىناش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.

  لىن يۇڭ مۇنداق دېدى: «مەن بىر كوچېگار، ئادەتتە خىزمەتتە پولات-تۆمۈر، يېقىلغۇ گاز، توك بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىمەن، سەللا دىققەت قىلمىسام بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، بىخەتەرلىك كەسپىي ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىش ئۆزىمىزگە، شۇنداقلا ئائىلىمىزدىكىلەرگە مەسئۇل بولغانلىق، بىخەتەرلىكنى بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ».

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جياۋ گورۇڭ مۇنداق دېدى: ھەر يىلىدىكى 6-ئاي بىر يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ ھالقىلىق ئېيى، بۇ باسقۇچتا كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت پائالىيىتى جانلىنىش مەزگىلىگە كىرىدۇ، ھادىسىمۇ كۆپ يۈز بېرىدۇ، شەھەر بويىچە بىخەتەرلىك بىلىملىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش «ئادەمنى ئاساس قىلىش، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش» ئىدىيەسىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن شەھەردە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈندۇر.

    مۇسابىقىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى