تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹غايىلىك، مەسئۇلىيەتچان ياشلاردىن بولۇشىمىز كېرەك››

ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپلەردە ‹‹يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىش، مىڭلىغان ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچى بىرلىكتە دەرس ئاڭلاش›› پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇردى

    مۇخبىرىمىز فۇ شياڭلۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، ‹‹يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىش، مىڭلىغان ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى بىرلىكتە دەرس ئاڭلاش›› پائالىيىتى شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە كەسىپ – تېخنىكا شۆيۈەنى، شۇنداقلا شىنجاڭ قاتناش كەسىپ – تېخنىكا شۆيۈەنىدە سىجىل قانات يايدۇرۇلدى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پائالىيەتنىڭ شەكلى يېڭىچە، دوكلات ناھايىتى قالتىس، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولدى، ئۆگىنىش ئارقىلىق بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىدىيەۋى تەربىيە ۋە روھىي ئوزۇق ئالدۇق، ئۆزىمىزنىڭ دەۋر مەسئۇلىيىتى ۋە تارىخىي بۇرچىمىزنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۇق.

   شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش لېكتورلار ئۆمىكى››نىڭ باشلىقى خۇ جۈنخەي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى تەشۋىقات – تەربىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سۇ يىڭچۈن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ داشۆسى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت يىغىنىدا ۋە ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ لېكسىيە سۆزلەپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈش، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان سىياسەت سىستېمىسى، خىزمەت تەدبىرى، ئادەم تەربىيەلەش سىستېمىسى ۋە ئوقۇتۇش ئەندىزىسىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدىكى مەنىۋى كۈچىگە ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى.

   شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاۋ داڭفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتنى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئېھتىياتچان پوزىتسىيە بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتقا، سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن مائارىپقا مۇئامىلە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەستايىدىل ئىلىم تەھسىل قىلىشقا يېتەكلەپ، تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز ۋەزىپەم قىلىپ، ھازىرقى زامان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ياشلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى يېتىلدۈرىمەن.

   شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى تاراتقۇ فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ شياۋنا مۇنداق دېدى: سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، غايىلىك، مەسئۇلىيەتچان ياشلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. خۇددى باش شۇجىنىڭ بىر ماقال – تەمسىلنى ياخشى ئىشلىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن لۇغەت كۆرگىنىگە ئوخشاش، كۆڭلىمىزنى توختىتىپ، پۇختا، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ‹‹ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئىرادىلىك، راستچىل، تىرىشچان›› يېڭى ياشلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

   شىنجاڭ قاتناش كەسىپ – تېخنىكا شۆيۈەنىدە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شياۋنەن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ  – تېخنىكا شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لى يۈخۇڭنىڭ قالتىس لېكسىيەسى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى ناھايىتى ھاياجانغا سالدى. بۇ شۆيۈەننىڭ شەھەر توك ئىشلىرى كەسپى D171 – سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى چېن جيەنۋېي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئارزۇ قوغلاشقۇچى›› ۋە ‹‹ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغۇچى›› دېگەن ئۇقۇم ماڭا زور ئىلھام بەردى. بىز باش شۇجىنىڭ ياشلارغا قويغان تەلىپىنى ھەر دائىم ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئۆز غايىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن، ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشىمىزنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ مۇتەخەسسىسى، شىخەنزە داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى شيا ۋېنبىن، قەشقەر داشۆسى پارتكومى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇڭ پېيبىڭ شىنجاڭ ئېنېرگىيە كەسىپ  – تېخنىكا شۆيۈەنىدە لېكسىيە سۆزلىدى. بۇ شۆيۈەننىڭ توك تارقىتىش كەسپى 172 – سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى دىلمۇرات تۇرغۇن مۇنداق دېدى: بىز جۇڭخۇا مىللىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، مەسئۇلىيىتىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىپ، دەۋر بۇرچىنى ئورۇنداپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ‹‹جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش›› ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى