بالىلار 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تەقلىدىي كۆرۈنۈشلۈك دىيالوگ قىلماقتا.
مۇخبىرىمىز خەن لياڭ خەۋىرى: ‹‹بۇ قېرىنداش قانچە پۇل؟›› ‹‹بىر قېرىنداش بەش مو، قانچىنى ئالىسىز؟›› قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى ئەنجۈر كەنتىدىكى يەسلىدە 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنى يەسلىنىڭ يۇقىرى يىللىق 1 – سىنىپتىكى بالىلار ‹‹بالىلار ماگىزىنى››دا تەقلىدىي كۆرۈنۈشلۈك دىيالوگ قىلىۋاتاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىن مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى چاڭ نىڭ مۇنداق دېدى: بىز دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى ئوقۇتۇشىنى بالىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈش مەقسىتىدە، تەقلىدىي كۆرۈنۈشلۈك ئوقۇتۇش جەريانىدا مۇقىم دىيالوگ تۈزمىدۇق، بۇنىڭدا بالىلار ئەركىن پىكىر قىلالايدۇ.
2017 – يىلى 9 – ئايدا، ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان چاڭ نىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى ئەنجۈر كەنتىگە كەلدى. ئۇ بۇ يەرگە يېڭى كەلگەن ۋاقىتتا، كەنتتىكى يېڭىدىن سېلىنغان يەسلىدە بىرلا كۆپ ئىقتىدارلىق سىيرىلغۇچ بار ئىدى، چاڭ نىڭدا بالىلارغا بىر شادلىق باغچىسى قۇرۇپ بېرىش ئويى پەيدا بولدى. چاڭ نىڭ مۇنداق دېدى: بىز كۈندىلىك ئوقۇتۇش جەريانىدا بالىلارنىڭ ناخشا ئۆگىنىۋاتقان، رەسىم سىزىۋاتقان، بارماق تىلى گىمناستىكىسى ئويناۋاتقان چاغدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلىرىنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ، شادلىق باغچىسى قۇرۇش ئويىمىزنى قوشۇپ بىرلىكتە دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ، ئەتراپتىكى دوست – بۇرادەرلەر، خىزمەتداشلار، مېھرىبان كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇشنى مۇراجىئەت قىلدۇق.
كىشىلەر چاڭ نىڭنىڭ ماقالىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، بەس – بەستە پۇل ئىئانە قىلدى. چاڭ نىڭ جەمئىي 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش ئىئانە پۇلى يىغدى. چاڭ نىڭ بۇ يىل 4 – ئايدا شادلىق باغچىسى قۇرۇش پىلانىنى باشلىدى. ‹‹بۇ پۇل تەستە قولغا كەلگەن، شۇڭا تېجىگىلى بولسىلا تېجىشىمىز كېرەك››. چاڭ نىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بالىلار يەسلىسىدىكى تەربىيەچى ۋە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى بىلەن بىللە قول سېلىپ ئىشلەپ، شادلىق باغچىسى قۇرۇلۇشىغا كىرىشتى. ئىككى ئايغا يېقىن تىرىشىش نەتىجىسىدە، شادلىق باغچىسى ئاخىر پۈتتى. چاڭ نىڭ ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ شادلىق باغچىسىدا خۇشال ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تارتقان بارلىق جاپالىرىمىزنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
بالىلار 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى يېڭىدىن سېلىنغان شادلىق باغچىسىدا ئوينىماقتا.
چاڭ نىڭ (ئوتتۇرىدا) 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە بالىلارغا ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى تەييارلىماقتا.