تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇراقلىق مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈردى

   مۇخبىرىمىز جاۋ چۈنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ‹‹تېڭيى›› ئۆي – زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى كىرېدىتلىك قەرز بۆلۈمىنىڭ خادىمى شۈ خۇي 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي – جاي بىناسى تۇراقلىق مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزىگە بېرىپ، ئالدىن تەييارلىغان ماتېرىياللارنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، بىر پارچە تەييار ئۆي رەنىسى كەسپى ئۇچۇر تالونىنى ئالدى، تالوندا ‹‹بەش خىزمەت كۈنىدە بېجىرىپ بولۇنىدۇ›› دەپ يېزىلغانىدى، ئۇ بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولدى.

   شۈ خۇي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇرۇن ئىش تەرتىپلىرى كۆپ ئىدى، ھازىر ئالاقىدار ئىش بېجىرىش تەرتىپى ۋە ھالقىلىرى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، ياخشىلىنىپ، ئوخشاش كەسىپنى بېجىرىش ئۈچۈن بىر يۈرۈش ماتېرىيال تەييارلىساقلا بولىدىغان بولدى، بىر تارماققىلا بارىمىز، بەش كۈندە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تېز بېجىرىپ بولغىلى بولىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ئېشىپتۇ.

   ئەڭ دەسلەپكى 30 كۈندە بېجىرىپ بولۇشتىن بۈگۈنكى بەش كۈندە بېجىرىپ بولۇشقىچە، بېجىرىش ۋاقتى ئۈزلۈكسىز قىسقارتىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇراقلىق مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى خاتىرجەم قىلدى، جاپادىن خالاس قىلدى. رەنىگە قويۇشنى تىزىملاشتا پەقەت ئىلتىماس قىلىشتا بەلگىلەنگەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، بىۋاسىتە تۇراقلىق مۈلۈكنى تىزىملاش ئاپپاراتىغا بېرىپ بېجىرسىلا بولىدۇ.

   بۇنىڭدىن باشقا، ئىش بېجىرگۈچىلەرگە ئەڭ يۇقىرى چەكتە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارسى تۇراقلىق مۈلۈكنى تىزىملاش زالى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن – كۆكتاغ رايونى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مەركىزى تۇراقلىق مۈلۈكنى تىزىملاش زالى ئالدىن ھەق ئېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويدى، ئىش بېجىرىدىغان ئامما نەق مەيداندا POSS ئاپپاراتى بىلەن پۇل تاپشۇرۇش، توردا پۇل تاپشۇرۇش، يان تېلېفوندا پۇل تاپشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇلنى تېز تاپشۇرسا بولىدۇ، ئىش بېجىرىش نۇقتىسىغا بېرىپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ پۇل تاپشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. شارائىت پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، بۇ خىزمەت يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي – جاي بىناسى تۇراقلىق مۈلۈكنى تىزىملاش زالىدا يولغا قويۇلىدۇ.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇراقلىق مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لياۋ شۈدۇڭ مۇنداق دېدى: بىز بۇ يىل ‹‹سۈپەت ئۆستۈرۈش يىلى›› پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، تۇراقلىق مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش كۆزنىكىنى بارا – بارا بانكا، جامائەت فوندى قاتارلىق نۇقتىلارغا يۆتكەپ، رەنىگە قويۇشنى تىزىملاشتا ‹‹كۆرۈشمەي تۇرۇپ›› مۇلازىمەت قىلىش ئەندىزىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. بىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي – جاي ھوقۇقى سودىسىنى باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تەرتىپنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، رەتلەپ، ھالقىلارنى ئىخچاملاپ، ئىش بېجىرىدىغان ئاممىنى ئوخشاش بولمىغان تارماقلار ئارىسىدا قاتراتماي، ئىسلاھات پايدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جەمئىيەتكە يەتكۈزۈپ، ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم ماڭدۇرۇش›› نىشانىغا يېتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى