تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

مەھەللىدىكىلەر تەقەززا بولغان تەبىئىي گاز ئىشلىتىش مەسىلىسى ھەل بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز بەي يۈنفېڭ، ساۋ شياۋدۇڭ

   گۇچۇڭ ناھىيەسى جياڭنەنيۈەن 2 – قارارلىق ئولتۇراق رايونىدىكى ليۇ يۈليەن خۇشال ھالدا: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىز پۇقرالارغا ھەقىقىي ياخشى ئىش قىلىپ بەردى! بۇ مەھەللىگە كۆچۈپ كەلگىلى ئىككى يىل بولاي دېگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلمىگەنىدى، ھازىر خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ مەسىلە ئاخىرى ھەل بولدى، يەنە 3000 يۈەندىن ئارتۇق چىقىمىمىز تېجىلىپ قالدى، بىز بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇش بولدۇق، ئۇلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، دېدى. گۇچۇڭ ناھىيەسى جياڭنەنيۈەن 2 – قارارلىق ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەرنى غەمگە سالغان بۇ مەسىلە يېقىندا سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە گۇچۇڭ بازىرى لى يۈەن مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تىرىشىپ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن ئاخىر ھەل بولدى.

   بىز 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گۇچۇڭ ناھىيەسى جياڭنەنيۈەن 2 – قارارلىق ئولتۇراق رايونىدا تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش غول تۇرۇبىسىنى ئورنىتىش خىزمىتىنىڭ تاماملانغانلىقىنى كۆردۇق، گۇچۇڭ ناھىيەسى ‹‹جۈلاڭ›› تەبىئىي گاز چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش خادىملىرى تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش خىزمىتىگە تېز تۇتۇش قىلىۋاتاتتى.

   ئىگىلىشىمىزچە، گۇچۇڭ ناھىيەسى جياڭنەنيۈەن 2 – قارارلىق ئولتۇراق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىدا 2015 – يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان، 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، ئاھالىلەر ئارقا – ئارقىدىن كۆچۈپ كىرگەن. لېكىن نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش خىزمىتى ئارقىغا سۈرۈلۈپ ھەل بولماي، بۇ مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەن. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، كۆپ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئۆي – زېمىن تەرەققىيات سودىگىرى، ئارقا سەپ شىركىتى، تەبىئىي گاز شىركىتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئالاقىلەشكەن ھەمدە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ئورنىتىش ئىلتىماسى تاپشۇرۇپ، تېزدىن ھەل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلغان.

   گۇچۇڭ ناھىيەسى جياڭنەنيۈەن مەھەللىسى ئارقا سەپ شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ شياۋچۈن مۇنداق دېدى: ھازىر تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ئۇلىنىپ، گاز سائىتىمۇ ئورنىتىلىپ بولدى، پات يېقىندا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلىدۇ.

   خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى كاڭ جياۋېي مۇنداق دېدى: جياڭنەنيۈەن 2 – قارارلىق ئولتۇراق رايونىدىكى 430 ئاھالىنىڭ ئۆيىگە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ئورنىتىپ بولدۇق، ھازىر تەڭشەش سىنىقى قىلىنىۋاتىدۇ، پات يېقىندا گاز يەتكۈزۈلىدۇ. بىز كېيىنكى قەدەمدە ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى