تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن

ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەركىن ئەخەت

   مەن كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر، ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىم پارتىيە تەشكىلىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇق قىلىشى، تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەن پارتىيە رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى تالىشىش كۈرىشىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا يېتەكلەپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن.

   مەن باشتىن – ئاخىر كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، باشتىن – ئاخىر ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى ۋە خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باشتىن – ئاخىر سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولىمەن. يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىم ئارقىلىق مائارىپ سىستېمىسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ئەپت – بەشىرىسى ۋە ئەكسيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئۇلارنىڭ رەزىل غەرىزىنى ئېچىپ تاشلاشقا باشلامچىلىق بىلەن يېتەكلەيمەن.

   مائارىپ سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ى تەربىيەسى، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسى، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيەسىنى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى تۇتىمەن، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئوقۇش – ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، سوتسىيالىزمنىڭ ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرى ۋە لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسىگە ئايلاندۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىياسىي ئىنتىزامنىڭ كەسكىنلىكىنى قەتئىي قوغداپ، مائارىپ سىستېمىسىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تازىلاپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە خىلاپ سەپسەتىلەرنىڭ دەرس مۇنبىرى، مەكتەپ ئارقىلىق تارقىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن.

   مەن يېڭى تارىخىي پەللىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى ھەقىقىي قوراللاندۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەگە مەڭگۈ سادىق بولىمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى قەلبىمگە مەھكەم پۈكىمەن، زىممەمگە ئالىمەن، چىڭ تۇتىمەن، مائارىپ سىستېمىسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى يۈرۈشلۈك ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە قوشۇننى باشلاپ چىقالايدىغان، ئاتاكىغا ئۆتەلەيدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن، يېتەكلەيمەن.

   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قوشۇننى ساپلاشتۇرۇشتىكى كۈچلۈك تۇتقا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ زوراۋانلىق قىلمىشى ۋە رەزىل غەرىزىنى زور كۈچ بىلەن ئەيىبلەپ، چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، تەنقىد قىلىپ، پاش قىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا ئەمەل قىلىش، دەرس مۇنبىرى بازىسىنى ياخشى ساقلاش سىياسىي ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى