تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىز توختى

   مەن ئادەتتىكى بىر ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە پارتىيەلىك كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم، مەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماي، بىر ئۆمۈر پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

   شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پەيدا قىلدى، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولى، مەن پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەردىن قاتتىق نەپرەتلىنىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي يوشۇرۇنغۇدەك جاي قويمايمەن.

   مەن چوقۇم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى يۈرۈشلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دىنلار ئىناقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرىمەن. قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرغا خاس نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، سۆز – ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئائىلەمدىكىلەرگە، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىمگە، خىزمەتداشلىرىمغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي ئاكتىپ كۈچ توپلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولىمەن.

   پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم پارتىيەنىڭ ھىممىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئۈمىدىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قەتئىي ھالدا پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. مەن چوقۇم پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە باشتىن – ئاخىر قاتتىق رىئايە قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك، بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، تىرىشىپ پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن.

   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، مەن چوقۇم پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىشكە، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشكە يېتەكلەيمەن؛ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاتلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا باشلامچىلىق بىلەن يېتەكلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈلگىلىك رول ئويناپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى