تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق چارۋا مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنى تەكشۈرۈش مەركىزىدىن سېكىن ئەمەت

   مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە ئاددىي چارۋىچى پەرزەنتىدىن پارتىيەلىك كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. مەن بۇ جەرياندا يۇرتۇمدىكى زور ئۆزگىرىشلەرگە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسكەنلىكىگە گۇۋاھچى بولدۇم. ھەر قېتىم ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشلىرىمنى ئەسلىگىنىمدە، جەمئىيەتتىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگىنىمدە قەلبىم مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولۇپ، ئۇلۇغ پارتىيەدىن، ئۇلۇغ ۋەتەندىن چەكسىز مىننەتدار بولىمەن.

   پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، غايە – ئېتىقادىمنى باشتىن – ئاخىر چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن، پوزىتسىيەمنى قەتئىي قىلىمەن.

   ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا، باش نىشان ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جاي، ھەرقانداق ئەھۋالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلامچىسى بولىمەن. سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتە شەكىلۋازلىق قىلماي، ئۇنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىش ئۈچۈن ئاساسنى ھەقىقىي پۇختىلايمەن.

   ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1 – سېپىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى باشلامچىلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى باتۇرلۇق بىلەن پاش قىلىمەن، ئېچىپ تاشلايمەن. باشلامچىلىق بىلەن خىزمەت ئىستىلىمنى ياخشىلاپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››قا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمىم ئارقىلىق ياڭراق قەسىمىمنى ئەمەلدە كۆرسىتىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن – ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، سۆز – ھەرىكىتىمنى بىردەك قىلىمەن. مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، بارلىق ئامما بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايمەن.  
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى