شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى. ئىككى كۈندىن بۇيان دۇنيانىڭ نەزىرى چىڭداۋغا مەركەزلەشتى. بوشلۇقتىن نەزەر سالغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى بولغان چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن مەركىزى خۇددى قانىتىنى كەڭ يېيىپ تۇرغان چايكىغا ئوخشاپ قالغانىدى، تاغ، شەھەر، دېڭىز، پورت، توغان بىر گەۋدە بولۇپ، «كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ئارزۇغا ئىنتىلىش، يەلكەن چىقىرىپ يول باشلاش»نى نامايان قىلدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئاساسىي يىغىن مەيدان تۈرى چىڭداۋ شەھىرىنىڭ مەركىزىدە بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يەلكەنلىك كېمە مەيدانىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن مەركىزىنى جۇڭگو بىناكارلىق-قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (قىسقارتىلىپ جۇڭگو بىناكارلىقى دېيىلدى) مەسئۇل بولۇپ سالغان. قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 540 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇش ئالتە ئايدا تاماملانغان.
جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى قارىمىقىدىكى سەككىزىنچى ئىدارە تۆتىنچى شىركەت پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى جوۋ كېجاڭ بۇ قۇرۇلۇش جەريانىنى ئەسلەپ تۇرۇپ قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ بىر مەيدان ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىش، ئۆزىمىزدىن ھالقىش ھېسابلىنىدۇ.
قۇرۇلۇشنىڭ دېڭىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 مېتىرغا يەتمەيدۇ، دېڭىز شامىلىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى قانداق يېڭىش، زور گىرۋەكلىك يارماقنى قانداق ئورنىتىش كېرەك؟ بۇنىڭدا ماشىنىغىلا تايىنىشقا بولمايدۇ، خاتالىق پەرقىنى ئازايتىش ئۈچۈن، گىرۋەكلىك يارماقنى چوقۇم قولدا ئورنىتىش كېرەك. تۈر باشقۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گرادۇس دېڭىز شامىلىدا قايتا-قايتا جەزىملەشتۈرۈش، قايتا-قايتا ئۆلچەش، قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدە، ئاندىن ناھايىتى رەتلىك ئايرىلغان، ھەيۋەتلىك يەلكەن بولغان.
ئىككى يىللىق قۇرۇلۇش مۇددىتى ئالتە ئايغىمۇ يەتمىگەن بولۇپ، بۇنى قانداق قىلىپ ئورۇنداپ بولغان؟ بۇ جۇڭگو بىناكارلىق ئىشچىلىرىنىڭ ھۈنەرۋەن روھىنى نامايان قىلدى. بىناكارلىق ئىشچىلىرى بۇ جەرياندا قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆزى ئۈستىدىن غالىب كەلدى.
ئىگىلىنىشىچە، چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن مەركىزى ئاساسىي مەيدان بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىغىندىن كېيىن كارخانىلارنىڭ بازارلاشقان تىجارەت ئورنىغا ئۆزگەرتىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزى، يىغىن مەركىزى، شەھەر مېھمانخانىسى قاتارلىقلار بەرپا قىلىنىپ، كۆپ مەنبەلىك دېڭىز ساھىلى ساياھىتى يېڭى مەنزىرە رايونى، يېڭى يەر بەلگىسىگە ئايلىنىدىكەن.