تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، زىممەمگە ئېلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشىمەن

ئارشاڭ ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر سادىقبېك ئادىلبېك

   مەن ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدىكى بىر يېزىدا تۇغۇلغان، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلدىم، ئىلگىرىلىدىم، مەن ئۇلۇغ پارتىيەگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە چىن قەلبىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. مۇشۇنداق گۈللەنگەن دەۋردە ياشاۋاتقىنىمدىن پەخىرلىنىمەن. مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› پەيدا قىلغان بىر قاتار بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، قەلبىم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە بولغان ئۆچمەنلىككە تولدى، بىز ئۇلارنىڭ تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باش جىنايەتچى، مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، ھەرىكەتتە بوشاڭلىق قىلمايمەن.

   مەن سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولىمەن. سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىدە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرىمەن، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن.

   مەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرىمەن. ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئائىلىلەرگە بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە خەلقنى يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىمەن، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى چىن قەلبىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا پائال يېتەكلەيمەن، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، كۆپچىلىككە گۈزەل تۇرمۇشىمىزنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىمەن.

   كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر ۋاقىت لاياقەتلىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش داۋامىدا دادىل زىممەمگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى