تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى

‹‹شاڭخەي روھى››نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋرنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى يېشەيلى

ـــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (2)

خەلق گېزىتى ئوبزورچى ماقالىسى

   دۇنيا تەرەققىياتى ھەم ئۈمىدكە تولدى، ھەم خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە؛ كەلگۈسىمىز چەكسىز پارلاق، ئەمما ئالدىمىزدىكى يول تەكشىسىز.

   ‹‹بىز <شاڭخەي روھى>نى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋر قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، خەۋپ  – خەتەر ۋە خىرىسلارنى تۈگىتىشىمىز كېرەك››. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18 – قېتىملىق يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ھازىرقى دۇنيانىڭ چوڭ يۈزلىنىشى ۋە دەۋر ئېقىمىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، ‹‹ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەش››تەك ‹‹شاڭخەي روھى››دا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەپ، ھازىرقى دەۋردە تەرەققىيات قارىشى، خەۋپسىزلىك قارىشى، ھەمكارلىق قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دۇنيانى ئىدارە قىلىش قارىشىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ‹‹شاڭخەي روھى››غا يېڭى دەۋر مەزمۇنى قوشۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

   ۋەزىيەتنى ئېنىق چۈشەنگەنلەر ئەقىللىق، ۋەزىيەتكە ماسلاشقانلار دانادۇر. ھازىر دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى چوڭقۇر راۋاجلىنىۋاتىدۇ، دۆلەتلەرنىڭ بىر – بىرىگە تايىنىشى تېخىمۇ قويۇق بولۇۋاتىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۈشكۈل ۋە ئەگرى – توقاي بولۇۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى كۆپ يۈز بېرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر نۇرغۇن ئورتاق تەھدىت ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ بۇنىڭغا ئۆزى يالغۇز تاقابىل تۇرالىشى ياكى ئۆزىنىلا ئويلاپ باشقىلارنى ئويلىماي، پۇت دەسسەپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. دۇنيادا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش بولۇۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت ئالدىدا، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە دەۋر ئېقىمىنى توغرا تونۇغان ۋە ئىگىلىگەندىلا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

   ھازىرقى دۇنيادا زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسى ھېلىھەم مەۋجۇت، تۈرلۈك ئەنئەنىۋى ۋە ئەنئەنىۋى بولمىغان خەۋپسىزلىك تەھدىتى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ، بىر تەرەپلىمىلىك، سودا قورۇقچىلىقى، دۇنياۋىلىشىشقا قارشى پىكىر ئېقىمىنىڭ يېڭى ئىپادىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، مەدەنىيەت توقۇنۇشى، مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى قاتارلىق سەپسەتىلەر پات – پات باش كۆتۈردى. كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغىنى شۇكى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ساداسىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمىغا ئايلاندى؛ تىنچلىقنى قوغداش كۈچلىرى ئاخىرقى ھېسابتا تىنچلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش كۈچلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى؛ ‹‹يەر شارى كەنتى›› بولغان دۇنيا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پايدا – مەنپەئىتىنىڭ بارغانسېرى گىرەلىشىپ كېتىشى، تەقدىرداش بولۇشى، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى ئىكەنلىكىنى بەلگىلىدى؛ مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. كىشىلەر تىنچلىقنىڭ مەڭگۈ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ مەڭگۈ توختاپ قالماسلىقى، مەدەنىيەت نۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز پارلىشىنى بىردەك ئۈمىد قىلىدۇ.

   ‹‹بىلىش ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشى، ھەرىكەت بىلىشنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشى››. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ‹‹شاڭخەي روھى›› دەۋر ۋە رايون ھالقىغان ھاياتىي كۈچ ۋە قىممەتكە ئىگە بولۇپ، قوشنىلار ئارا دوستانە ئۆتۈش ۋە ئورتاق گۈللىنىشكە كۈچىگەن دۆلەتلەرنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى ھەم خەلقئارا جەمئىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىش ئەمەلىيىتىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ‹‹شاڭخەي روھى››نى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى  رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئورتاق بولغان، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئوچۇق، يۈرۈشتۈرۈلگەن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، باراۋەر، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، سۆزلىشىدىغان، سىغدۇرۇشچان مەدەنىيەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئورتاق مەسلىھەتلىشىدىغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان دۇنيانى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئىدىيەنى قوللانما قىلىپ، ئىچكى – تاشقى خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرگەندىلا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىگە تېخىمۇ كۆپ ‹‹شاڭخەي ئەقىل – پاراسىتى›› ۋە ‹‹شاڭخەي لايىھەسى›› قوشقىلى بولىدۇ.

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلاشقان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ئۇيغۇنلاشقان تەشكىلات. بىز ‹‹شاڭخەي روھى››نى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ قويۇق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلساقلا، دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى