تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

پاشا چېقىۋالغاندىن كېيىنكى قىچىشىشنى توختىتىش ئۇسۇلى

    پاشا چېقىۋېلىش ياز پەسلىدىكى كىشىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى. ھەر قېتىم پاشا چېقىۋالسا نۇرغۇن كىشىلەر قىچىشىشنى قانداق توختىتىشنى بىلەيمەي قالىدۇدە، قىچىشقان ئورۇننى تاتىلاپ قويۇپ ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ. تۆۋەندە پاشا چېقىۋالسا قىچىشىشنى توختىتىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
    تەرخەمەك سۈرۈش
    تەرخەمەكنىڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش رولى بولۇپلا قالماي يەنە، قىچىشىشنى توختىتىشمۇ رولى بار. تەرخەمەك سۈيى ياكى تەرخەمەك يالپاقدىمىسىنى پاشا چېقىۋالغان ئورۇنغا ئۈچ، تۆت قېتىم سۈرۈپ بەرسە قىچىشىش توختايدۇ.

    ئالوي سۈرۈش
    يېڭى ئالوي يوپۇرمىقىنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن ئوشتۇپ ياكى كېسىپ پاشا چېقىۋالغان ئورۇنغا سۈرۈپ بەرسە (ئالوي يىلىمى سۈرسىمۇ بولىدۇ) قىچىشىش توختايدۇ.

    بانان پوستىنى سۈرۈش
   بانان پوستىنىڭ تەركىبىدە تەبىئىي ماي بولۇپ، قىچىشىشنى توختىتىپ ياللۇغنى قايتۇرىدۇ.

    مۇز يېقىش
    پاكىز لۆڭگە بىلەن مۇز پارچىسىنى تەييارلىۋالغاندىن كېيىن، لۆڭگە بىلەن مۇز پارچىسىنى ئوراپ، پاشا چېقىۋالغان ئورۇنغا ياققاندا قىچىشىش توختايدۇ.

    قاتتىق سوپۇن سۈرۈش
    سوپۇننىڭ تەركىبىدىكى ناترىي تۇز ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، پاشا چېقىۋالغاندىكى مېتان كىسلاتانى تۆۋەنلىتىپ نېيتراللاشتۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا قىچىشىش تېز سۈرئەتتە توختايدۇ.

    تۇز سۈيى سۈرۈش
    تۇز سۈيىنى ئىششىپ قىزىرىپ قالغان ئورۇنغا سۈرگەندە، ئىششىق يۇمشاپ، قىچىشىش تېز سۈرئەتتە توختايدۇ.

    چىش پاستىسى سۈرۈش
    چىش پاستىسى ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، بولۇپمۇ يالپۇز تەملىك چىش پاستىنىڭ تەركىبىدە مېنتول بار بولۇپ، دائىرىلىك ناركوز دورىسىغا ئوخشاش رولى بار. چىش پاستىسىنى پاشا چېقىۋالغان ئورۇنغا سۈرگەندە ياللۇغ ۋە قىچىشىشنى يېنىكلىتىدۇ.

    ئىلمان سۇدىن پايدىلىنىش
    ئىلمان سۇ قىچىشىشنى توختىتىشتىكى ئەڭ ياخشى دورا. چۈنكى ئىسسىقلىق گىستامىن رېئاكسىيەسىنى تىزگىنلەيدۇ. قوشۇقنى ئىلمان سۇغا چىلاپ قىزىتىۋالغاندىن كېيىن (تېرە بەرداشلىق بەرگۈدەك دەرىجىدە) پاشا چېقىۋالغان ئورۇنغا ياققاندا قىچىشىشنى توختىتىدۇ.

    بېسىپ بېرىش
    ئادەتتە پاشا چېقىۋالسا، دائىم قىچىشقان ئورۇننى قاشلايمىز. ئەمما بۇنداق قىلغاندا تېرە توقۇلمىلىرى ئاسانلا زەخمىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ۋاقىتتا قىچىشقان ئورۇننى بىر نەچچە مىنۇت بېسىپ تۇرساقلا، قىچىشىش توختايدۇ.

    سامساق سۈرۈش
    سامساقنىڭ تاماققا تەم ۋە پۇراق كىرگۈزۈشتىن باشقا يەنە قىچىشىشنى توختىتىش رولىمۇ بار. پاشا چېقىۋالغاندا سامساقنى كېسىۋېلىپ، كېسىلگەن يۈزىنى ئىششىپ قالغان ئورۇنغا سۈرۈپ بەرسە ئىششىق يېنىپ، قىچىشىش توختايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى