تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق جۇڭگولۇقلار ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزدى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى تاڭزۇڭزا چاغىنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگونىڭ كالكۇتتادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ۋە شۇ جايدىكى جۇڭگولۇقلار 6-ئاينىڭ 10-كۈنى كالكۇتتا شەھىرىدە 2018-يىللىق ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزدى.

  پائالىيەتتە ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق جۇڭگولۇقلاردىن تەشكىللەنگەن بەش ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق ئەترىتى كەسكىن مۇسابىقە چۈشتى، ئاخىرىدا «جىنفېڭ» ئەترىتى ئەترەتتىكى يەتتە ماھىرنىڭ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۆز كارامىتىنى ئىشقا سېلىشى نەتىجىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى. ئىككى شىر ئوينىتىش ئۆمىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا شىر ئوينىتىپ، پائالىيەت كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

  جۇڭگونىڭ كالكۇتتادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ما جەنۋۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ھىندىستاننىڭ كالكۇتتادا ئۈچ قېتىم ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق مەدەنىيەت بايرىمى بۇ يەرنىڭ ناھايىتى گۈزەل مەدەنىيەت ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى، ئىشىنىمىزكى، ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق مەدەنىيەت بايرىمى جۇڭگو ۋە شەرقىي ھىندىستان رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  يۈننەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن سەنئەتكارلار مەدەنىيەت بايرىمىغا ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم ئەتتى، جۇڭگو ۋە ھىندىستاننىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرى، جۇڭگو ئۇسسۇللىرى ۋە سېرك نومۇرلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. شۇ جايدىكى جۇڭگولۇقلار ئاچقان تاماقخانىلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن تاڭزۇڭزا، يۆگىمە پۆرە، مانتا قاتارلىق جۇڭگوچە ئېسىل تائاملارمۇ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى، مەكتەپلەر، سودا ساھەسى، تاراتقۇلار، ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق جۇڭگولۇقلار ۋە يەرلىك ئاھالىلەردىن بولۇپ 1000دىن ئارتۇق ئادەم مەدەنىيەت بايرىمىغا قاتناشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى