تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دېھقان-چارۋىچىلارنى تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ يېشىل كەسپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى

سۈرەتتە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر چۈجىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلمەكتە.
   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ چياڭ، ۋېن چىشياڭ، لى خەيشيا، يۈەن پېڭچېڭ خەۋىرى، فوتوسى: ئالتاي شەھىرى قىزىل تاش بازىرى شىبەت كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 ـ شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى شى خەن 6-ئاينىڭ 6-كۈنى تاڭ ئەمدىلا يورۇشىغا ئەترەتتىكىلەرنى كەنت ئاھالىلىرىغا 3000 تۈپ كۆكتات مايسىسى بۆلۈپ بېرىشكە تەشكىللەپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، يېشىل كەسپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى.
    كۆكتات تېرىپ، كۆچەت تىكىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش

    بىڭتۈەن 10-شىسىنىڭ ئالتاي شەھىرى قىزىل تاش بازىرى شىبەت كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى باھار پەسلى كىرگەندىن بۇيان كەنت «ئىككى كومېتىت»ى بىلەن بىرلىكتە دېھقان-چارۋىچىلارنى تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، يېشىل كەسپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش پىلانىنى تۈزدى ۋە ئۇنى ئاكتىپ يولغا قويدى.

  خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت «ئىككى كومېتىت» بەنزىسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، پەمىدۇر، پېدىگەن، لازا ۋە تەرخەمەك قاتارلىق كۆكتات مايسىلىرىدىن جەمئىي 3000 تۈپ سېتىۋېلىپ، 52 نامرات ئائىلىگە تارقىتىپ، ئۇلارغا قانداق ئۆستۈرۈش تېخنىكىلىرىنى ئۆگەتتى، مۆلچەرلىنىشىچە، پەرۋىش ياخشى ئېلىپ بېرىلسا، بۇ مايسىلاردىن بۇ يىل 3000 كىلوگرام ئورگانىك كۆكتات ھوسۇل ئېلىنىپ،  12 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن.
    خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شىنمىننىڭ ئېيتىشىچە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر  يەنە 4-ئايدىن بۇيان سۆگەت، قارىياغاچ ۋە مېۋىلىك دەرەخ كۆچەتلىرىدىن جەمئىي 850 تۈپ سېتىۋالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالما كۆچىتىدىن 300 تۈپ بولۇپ، شىبەت كەنتىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن كەنتنىڭ ھەر قايسى يول بويلىرىغا تىكىلىپ، ياخشى پەرۋىش قىلىنىدىكەن.
   چۈجە تارقىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىتىش
    ياز پەسلىدىكى شىبەت كەنتىنىڭ مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل بولۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى، بىراق، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ بۇ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىدىغانغا ۋاقتى يوق ئىدى. ئۇلار ئالدىراشلىق ئىچىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «كىچىك باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، زور كىرىم يارىتىش» خىزمىتىنى ئىشلەۋاتاتتى.
    خىزمەت ئەترىتىدىكى بەشەيلەن ئەتىگەندىلا بۆلۈشىۋالغىنى بويىچە كەنتتىكى 14 نامرات ئائىلە، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى بار ئائىلە ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىلىرى بولۇپ 14 ئائىلىگە جەمئىي 4000 يۈەن قىممىتىدىكى 106 چۈجىنى ئاپىرىپ بەردى.
    خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى، 187-تۈەن چارۋىچىلىق مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ تېخنىكى چېن جيەنشىننىڭ مۆلچەرلىشىچە، 206 چۈجىنىڭ ھەممىسى ياخشى ئەي بولسا، باققۇچىلارنىڭ ئائىلە كىرىمى 2200 يۈەن ئاشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خاس ماركا يارىتىپ، 5000 چۈجىدىن كۆپ بولغان يايلىتىپ بېقىش كۆلىمى بەرپا قىلىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا باشلايدىكەن.
    كۆممىقوناق تېرىپ، سىلۇس تەييارلاش
    شىبەت كەنتىدە  3500 مو تېرىلغۇ يەر،  5000 مو يايلاق بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 11 مىڭ 400 تۇياققا يېقىن چارۋا بېقىلىدۇ.
    شىبەت كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى غالىمبەك قۇۋان مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت «ئىككى كومېتىت»ى بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە كەنت ئاھالىلىرىنى 1500مو يەرگە كۆممىقوناق تېرىشىغا يېتەكلىگەنىدى، ھەر مو يەردىن 800 كىلوگرام ھوسۇل ئېلىندى.  120دىن ئارتۇق سىلۇس ئورىسى كولىنىپ،  1200 توننىدىن ئارتۇق سىلۇس تەييارلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومېتىت»ى كەنت ئاھالىلىرىنى 1500مو تېرىلغۇ يەرنى نۆۋەت بىلەن تېرىشقا يېتەكلەپ، ياخشى ئىقتىسادىي كىرىم ياراتتى.
    خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كالا سۈتىنى ساتالمايۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئەترەت باشلىقى شى خەن ئاكتىپلىق بىلەن بىيتۈن سانائەت رايونىنىڭ مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلىشىپ، رايوندىكى ئېرىمچىك زاۋۇتى بىلەن كېڭەشتى، چارۋىچىلار ھەر كىلوگرام سۈتنى ئۈچ يۈەندىن ئۇلارغا ئۆتكۈزسە، ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 9000 يۈەن ئاشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى